2016- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا تالانتلىق سەنئەتكار، شائىر تۇرسۇن شەيىخنى يادرو قىلغان «شەيىخ مۇزىكا ئاخشىمى» نامىدىكى چوڭ تىپتىكى نەق مەيدان ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ. كېچىلىككە ئەسقەر سۈر بۆرە (خۇيلاڭ)، ئەركىن ئابدۇللا، خازكىن، خۇڭ چى قاتارلىق مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىغا تونۇلغان ھەر مىللەت چولپانلىرى، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زامانىۋى مۇزىكا ئورۇندىغۇچىلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، سىزگە زامانىۋى سەنئەتنىڭ نەقمەيدان ھۇزۇرىنى ھەقىقى ھېس قىلدۇرسا، تۇرسۇن شەيىخ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى، ئەڭ نادىر، ئەڭ كىلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلىرىنى سەرخىل چالغۇچىلارنىڭ نەق مەيدان ئورۇنلىشىدا سىزگە بىۋاسىتە سۇنۇپ، سىز بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا مۇزىكىلىق دېئالوگ قۇرىدۇ. كۆلەم ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ نادىر، ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كېچىلىك بولۇش نىشانىنى ئۈچۈن تەييارلىقلىرى جىددى ئىشلىنىۋاتقان بۇ كېچىلىك سىزنى سەنئەتتىن ھۇزۇرلاندۇرۇپ روھىڭىزنى كۆتۈرىدىغان، مەھسۇلاتىڭىز، كارخانىڭىزنى يۇقىرى سۈپەتتە تەشۋىق قىلىپ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىدىغان ياخشى پۇرسەت. ئىشىنىمىزكى، سىز بۇ كېچىلىكتىن ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغانغا ئۆزىڭىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى ئېرىشەلەيسىز.
تۇرسۇن شەيخنىڭ ئەڭ يېڭى نادىر ناخشىلىرىدىن ھۇزۇرلىناي دېسىڭىز ئەپەندىم تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ
http://www.apandim.com/#/album/818.html