• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئۇيغۇر ئۇسسۇلىدىكى مىللىي روھ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت تىندۇرمىسىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان سەنئەت ھادىسىسىدۇر.Kdlئاقيول تور بىكىتى

    Kdlئاقيول تور بىكىتى

        تەبىئەت بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ۋە سەھنىسى، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغىمۇ ھاياتلىق ئاتا قىلغان. قەدىمكى ماتېرىياللاردا ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ قۇياشقا بېقىپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى، كۆك تەڭرىگە چوقۇنۇپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى، سۇ چېچىپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى، ھايۋانلارنى دوراپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى قەيت قىلىنغان. دېمەك، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇشتىن ئىبارەت تەبىئەت روھى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، بىر گەۋدىگە ئايلانغان.Kdlئاقيول تور بىكىتى

    Kdlئاقيول تور بىكىتى

        مىللىي روھ مىللەتنىڭ روھىيىتىدىكى ئۆزىگىلا خاس بولغان ئۆزگىچىلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى، مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق باشقا مىللەت ئۇسسۇللىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئېسىل ئۇسسۇل سەنئىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مەسىلەن: ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەۋرىشىم، نازۇك، گۈزەللىكى، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ خاراكتېرىدىكى كەسكىنلىك، باتۇرلۇق، چاققانلىق، ۋە مەرد – مەردانىلىك ئۇيغۇر ئۇسسۇلىدىكى مىللىي روھنىڭ يارقىن ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىكى مىللىي روھتا پۈتكۈل خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرى ئەكس ئېتىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدا ئىپادىلىنىۋاتقان مەزمۇن قانداقتۇر ئۇسسۇلچىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشى بولۇپ قالماي، ئۇسسۇلچى تەۋە بولغان توپنىڭ ئورتاق كەچۈرمىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىدىكى مىللىي روھ مىللىي خاراكتېرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك، مىللىي خاراكتېر ھېچقاچان زامان، ماكاندىن ئايرىلمايدۇ. ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىكى مىللىي خاراكتېر چوقۇم ئوبيېكتىپ رېئاللىققا ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىش كېرەك. يەنى ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەبىئەت ۋە جەمئىيەت چۈشەنچىسى، ھاياتلىق پەلسەپىسى، ئىدېئولوگىيەسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇشى كېرەك. ئۇسسۇلچىنىڭ بەدەن تىلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە مىللىي خاراكتېر ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغاچقا، ئۇسسۇلچى ئۇسسۇل ئوينىغاندا مىللىي خاراكتېرنى ئىپادىلەشكە دىققەت قىلىشى، بەدەن ھەرىكىتى، كىيىم – كېچەكلىرىدىن تارتىپ مىللىي خاراكتېر، خاسلىقنى نامايان قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.Kdlئاقيول تور بىكىتى

        بۈگۈنكى رېئاللىققا نەزەر سالساق، مىللەتلەر ئارا سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت قارىشى، گۈزەللىك قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئەدەبىيات – سەنئەتكە بولغان تەلەپمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، بېيىتىش ئۈچۈن، ئۇسسۇلغا مىللىي روھنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، شەكىل ۋە مەزمۇنلىرىغا ئىجابىي ۋارىسلىق قىلغان ھالدا، يېڭى شەكىل ۋە مەزمۇنلارنى ئىجاد قىلىش، مىللىي روھقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا باشقا ئەللەرنىڭ ئىلغار ئۇسسۇل شەكىللىرىنى ئىجابىي قوبۇل قىلىش لازىم.Kdlئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز