• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئۇيغۇر ئۇسسۇلى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ھەرىكەتلىرى، شەكلىنىڭ كۆپ خىللىقى، جۇشقۇن – رەڭدارلىقى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، ئىچكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھەرىكەتلىرىنىڭ مەردانە، رىتىم – ئۇدارلىرىنىڭ شوخلۇقى، ھەرىكەت بىلەن مەزمۇننىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، جەلپ قىلىش كۈچى ئالاھىدە بولۇشتەك ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇللىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.QRFئاقيول تور بىكىتى

        ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ئاساسەن لىرىكىلىق ئۇسسۇل بولۇش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇ خەلقىمىزنىڭ ھېسسىياتقا باي، شوخ – تېتىك، جۇشقۇن بولۇشتەك پىسخىك ئالاھىدىلىكىنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇر ئۇسسۇلى قانداقتۇر داپ رىتىمىغا ياكى مۇزىكا رىتىمىغا پۇت – قولنى ماسلاشتۇرۇپ يۆتكەشتىن ئىبارەت ئاددىي ھەرىكەت شەكلى بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەۋرگە رىتىمداش تۇرمۇشىنى، ئۆرپ – ئادىتىنى، ئېتىقادىنى، ئۆتمۈشىنى، كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشىنى روشەن ئۇسسۇل تىلى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان، چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە سەنئەت شەكلى.QRFئاقيول تور بىكىتى

        ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، يەنە كېلىپ ھەر بىر ئۇسسۇل تۈرى ئۆزىگە خاس قائىدە بىلەن ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىنى زاماندىن – زامانغا ئۇلاپ، تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە قىلماقتا. مەسىلەن: خەلق ئۇسسۇللىرى ئاساسىدا تۈرلىنىپ ۋە كامال تېپىپ ئوينىلىۋاتقان شادىيانە، مەشرەپ، مول ھوسۇل تەنتەنىسى، نورۇز بەزمىسى قاتارلىق بىر قەدەر چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللار زامان – ماكان رىتىمىغا ماسلىشىپ، دەۋر مېلودىيەسىگە تەڭكەش بولماقتا. ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ مۇنداق جەزبدارلىقى ئۇنىڭغا سىڭگەن ھېسسىياتتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇسسۇلدىكى ھېسسىيات مۇزىكا رىتىمىغا تەڭكەش قىلىنىپ، ئۇسسۇل ئوينىغۇچىنىڭ ھەرىكىتى، جەزبدارلىقى، مۇئەييەن مەنە، پىكىرنى ئىزاھلايدىغان ئۇسسۇل تىلى ئارقىلىق نامايانقىلىنىپ، تاماشىبىنغا ئاجايىپ ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ. ئۆي ۋە دالا ئۇسسۇل سورۇنلىرىدا تاماشىبىنلارمۇ ئىختىيارسىز ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، مانا بۇ ئۇسسۇلنىڭ سېھرىي كۈچى،ئۇسسۇلىنىڭ كىشىگە كۆرسىتىۋاتقان ئۈن – تىنسىز تەسىرى.QRFئاقيول تور بىكىتى

        ئۇسسۇلدىكى قول – پۇت، قاش – كىرپىك، كۆز، بەدەنھەرىكىتى ئۇسسۇل تىلىنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرىدۇر. ئۇسسۇل تىلى زەنجىرسىمان ھەرىكەتلەردىن تەركىب تاپقاچقا، ئۇ ئىچكى ئوي – پىكىرنى، شۇنىڭدەك كۆڭۈل تۆرىدە يوشۇرۇنغان چوڭقۇر ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدۇ.QRFئاقيول تور بىكىتى

        ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي رولى ۋە سىستېمىلىشىشىغا قاراپ سەھنە ئۇسسۇلى ۋە تۇرمۇشئۇسسۇلى، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. سەھنە ئۇسسۇلى ئادەتتە سەھنىدە ئوينىلىدىغان يالغۇز كىشىلىك، قوش كىشىلىك ۋە كوللېكتىپ ئۇسسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇرمۇش ئۇسسۇلىمۇ ئادەتتە تۇرمۇش ئۇسسۇلى، ئائىلىۋى ئۇسسۇل ۋە مەشرەپ ئۇسسۇلى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلغان سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىق ھېسابلىنىدۇ.QRFئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز