قەدىرلىك دادا، ئاپا، سىلەر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بىرلىكتە ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ناخشا بىز ئۈچۈن ئەڭ يېقىملىق، ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ قىممەتلىك.
نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، سىلەر ئېيتىپ كېلىۋاتقان بۇ ناخشا ۋاپادارلىق ناخشىسى، مېھىر – مۇھەببەت ناخشىسى، چىن ساداقەت ناخشىسى. تۇرمۇشتىن ئېلىنغان، تەجرىبە – ساۋاقلاردىن يەكۈنلەنگەن تۇرمۇش ناخشىسى. سىلەر بۇ ناخشىنىڭ تېكىست، كۈيىنىڭ ئىجادچىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجراچىسى. شۇڭا، سىلەر ئېيتقان شۇ ناخشا ئەبەدىي قىممەتلىك.
ھەر قېتىم تۇرمۇش ھارۋىسىنى سۆرەپ ھالسىرىغىنىمىزدا، ۋاقىتسىز ئۈگدەپ قالغىنىمىزدا، سىلەر ئېيتقان ئاشۇ ناخشا قۇلاقلاردا جاراڭلاپ، بىزنى روھلاندۇرىدۇ، ئويغىتىدۇ. چارچىغىنىمىزدا، جىسمىمىزغا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ مۇڭلانغىنىمىزدا، بىزگە چەكسىز مېھىرلىك قەلبىڭلارنىڭ، ھارارەتلىك جىسمىڭلارنىڭ ئۆزگىچە ھىدىنى شاماللارنىڭ قاناتلىرىدا ئۇچۇرۇپ كېلىپ بىزنى بەزلەيدۇ ھەم بىزگە تەسەللى ۋە مەدەت بېرىدۇ. شۇڭىمۇ سىلەر ئېيتقان ئاشۇ يېقىملىق ناخشىلار ھەر قاچان يۈرەكلەردە.
قەدىرلىك دادا، ئاپا، سىلەر ھېلىمۇ ئۆز ئەمەلىيىتىڭلارھالال ئەمگىكىڭلار، تىرىشچانلىقىڭلار، پەرزەنتلەرگە بولغان ۋاپادارلىقىڭلار، ئىشەنچىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلار ئېيتىپ كېلىۋاتقان بۇ ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جەزبىدار، جەلپكارلىقىنى بارغانچە ئاشۇرۇپ، تالاي – تالاي دىللارنى سۆيۈندۈرۈپ، قەلبلەردىن – قەلبلەرگە تۇتاشقان مېھىر – مۇھەببەت، سەمىمىيەتنىڭ رىشتىنى چىڭىتىپ كېلىۋاتىسلەر.
سىلەرسىز بىزنىڭ بۈگۈنىمىز نەدە؟ سىلەرسىز مېھىر –مۇھەببەتكە تولغان سەمىمىي قەلبىمىز نەدە؟ سىلەرسىز بۈيۈك ئارمانلىرىمىز نەدە؟ سىلەرسىز بۇ ئالەمنىڭ گۈزەللىكى نەدە؟
سىلەر بىزنىڭ قەلب بوستانىمىزدىكى ئىشچان باغۋەنلەرگە، ئاشۇ بوستانلىقتا ئېچىلغان خۇش پۇراق گۈللەرگە،ئاشۇ قەلب بوستانىمىزدىكى كۈيچى بۇلبۇللارغا ئوخشايسىلەر.
جۈپ قەدىردانلار، سىلەر ئېيتقان، ھېلىھەم ئېيتىۋاتقان ئاشۇ يېقىملىق كۈيلەر مەڭگۈ ئۈزۇلمىسۇن، بۇ يېقىملىق كۈيلەر بىز ماڭغان داۋانلاردا، بىز كەزگەن چۆللەردە، بىز يەتمەكچى بولغان ئاشۇ ئۇلۇغۋار نىشان يولىدىكى بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئېھتىماللىقلاردا بىزگە ھەمراھ بولسۇن. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ روھىي ئوزۇقىمىز.
ئالتۇن بويۇڭلار ئامان بولسۇن، باسقان قەدەملىرىڭلاردىنگۈل ئۈنسۇن، خۇشال كۈلكىلەر سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!