ئۇيغۇر مۇقاملىرى تارىخنىڭ ئۇزۇن ، تۈرىنىڭ كۆپ بولۇشىھەم ئۆزىگە خاس بىر قاتار ئالاھىدلىكلىرى بىلەن ، ئىنسانىيەتنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدىكى ‹‹ بىباھا گۆھەر ››دەپ تەرىپلەنمەكتە . ئۇيغۇر مۇقاملىرى دائىرىسىگە ئادەتتە ‹‹ 12 مۇقام ›› ، ‹‹ دولان مۇقامى ›› ، ‹‹ تۇرپان مۇقامى ›› ، ‹‹ قۇمۇل مۇقامى ›› قاتارلىقلار كىرىدۇ . بۇمۇقاملارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە ، ئۆز ئارا ئورتاقلىق ھەم خاسلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز .
ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىدىكى ئورتاقلىقلار تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە كۆرۈلىدۇ :
بىرىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇن ياكى يەرلىك مۇقاملار بولسۇن ، شەكىلنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەممىسى 12 يۈرۈش بولۇپ ، بىر سىستېما شەكىللەندۈرگەن .
ئىككىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇن ياكى خەلق مۇقاملىرى بولسۇن ، ھەممىسى ئوخشاشلا مۇزىكا ،ناخشا ۋە ئۇسسۇلدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم تەركىبي قىسىمدىن تۈزۈلگەن .
ئۈچىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇن ياكى خەلق مۇقاملىرى بولسۇن ، ئادەتتە مۇقەددىمە قىسمىدىن باشقا قىسىملىرىغا ئۇسسۇل ئويناشقا بولىدۇ . ‹‹ 12 مۇقام ›› نىڭ جۇلا ، سەنەم ، چوڭ سەلىقە ، كىچىك سەلىقىلىرى بىلەن مەشرەپ قىسمى مەخسۇس ئۇسسۇل پەدىلىرىبولۇپ ھېسابلىنىدۇ . خەلق مۇقاملىرىنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدىن باشقا ھەممە قىسىملىرىمۇ ئۇسسۇل پەدىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
تۆتىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇ ياكى خەلق مۇقاملىرى بولسۇن ، كۆپ خىل چالغۇلار سەپلىنىدۇ .
بەشىنچى ، ھەر قايسى مۇقاملارنىڭ ئۆز تەركىبىدىكى نەغمىلەرنىڭ ئاھاڭ تۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئورتاق مىلودىيگەئىگە مۇھىم ‹‹ مۇقەددىمە ›› سى بولىدۇ .
ئۇيغۇر مۇقامشۇناسلىقىدىكى ھازىرقى ئورتاقلاشقان قاراشلارغا ئاساسەن ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى خەلق مەشرەپ مۇقاملىرى ۋە كىلاسسىك مۇقام ، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگەبۆلۈشكە بولىدۇ . مۇقامشۇناس ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا ، ئەزەربەيجان مۇقاملىرىمۇ كىلاسسىك مۇقاملار ۋە خەلقمۇقاملىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىكەن .
‹‹ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ›› ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ يۈكسەك چوققىسى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ مەنبەسىنى يەنىلا خەلق مۇقاملىرىغا ئۇلاشقا بولىدۇ . چۈنكى ‹‹ خەلق مۇقاملىرى خەلقنىڭ ھاياتى ، قەلبى ، فولكلور مەدەنىيتىبىلەن بىۋاستە باغلانغان ئۆلمەس ‹ ئانا گەۋدە › بولۇپ ، كلاسسىك مۇقاملار مۇشۇ ‹ ئانا گەۋدە › ئاساسىداشەكىللەنگەن ۋە راۋاجلانغان ›› . مۇزىكىشۇناسلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، ‹‹ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ›› نىڭ چوڭ نەغمىسىنىڭ ‹‹ تەئەززە ›› ، ‹‹ مۇستافا ›› ، ‹‹ جۇلا ›› ، ‹‹ سەنەم ›› ، ‹‹ پىشرەۋ›› ، ‹‹ كىچىك سەلىقە ›› لىرى بىلەن ‹‹ داستان ›› ، ‹‹ مەشرەپ ›› قىسىملىرىنىڭ رېتىم ئۇدار شەكىللىرىگە‹‹ دولان مۇقامى ›› ۋە ‹‹ قۇمۇل مۇقامى ›› نىڭ نۇرغۇن نەغمىلىرى خام ماتېرىيال بولغان . قازاقىستانلىق مۇقامشۇناس باتۇر ئەرشىدىنوفمۇ ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ لاد ئاساسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئارۇز ۋەزىن ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولغان خەلق ناخشىلىرى تۈركۈمى ، بارماق ۋەزىن ئۆلچىمىگەمۇۋاپىق بولغان خەلق ناخشىلىرى تۈركۈمى ، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلغان . مۇقاملارنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىمۇ يۇقىرىقى ئۆلچەمگە ئاساسەن ، ئۇلارنىڭ ئاددىي ۋە مۇرەككەپلىكىگە قاراپ ، خەلق مۇقاملىرى ۋە كلاسسىك مۇقاملار ، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلغان .
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى