بۇ يىل شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇسسۇل بايرىمىدا ئۇسسۇل غۇنچىلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى، ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭلىقلارنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى ۋە ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى، كىشىلەرنىڭ ئىستېتىك قىزغىنلىقى ۋ مەنىۋى ئىنتىلىشى نامايان بولدى، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوچۇق – يورۇقلۇقى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى گەۋدىلەندۈرۈلدى، شىنجاڭلىقلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشى ۋە شىنجاڭنىڭ رايون مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئىشەنچى ئاشتى.
2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، بۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇسسۇل كۆرىكى، كاتتا سەنئەت مەرىكىسىبولدى. ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە، كوچا – كويلارنى ئۇسسۇل ھەققىدە پاراڭ قاپلىدى، شىنجاڭدا ئۇسسۇل قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ئۆتكەن 15 كۈندە، كىشىلەر ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ بېلىتىنى بەس – بەستە سېتىۋالدى، تىياتىرخانىلار تاماشىبىنلارغا لىق تولدى، كىشىلەر تەرەپ تەرەپتىن چوڭ تىياتىرخانىلارنىڭ ئالدىغا توپلاندى.
بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى كىشىلەرگە ئاجايىپ خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن كاتتا بايرام بولدى. بايرام مەزگىلىدە ئېسىل، خىللانغان، كۆپ مەنبەلىك، مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار ئوينالدى، رۇسىيە بالېت ئۆمىكىنىڭ ‹‹ئاق قۇ كۆلى››، جۇڭگو بالېت ئۆمىكىنىڭ ‹‹ئېگىز ئېسىلغان پانۇس›› ناملىق نومۇرلىرى ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ جۇلاسى بولۇپ قالدى، مىللىيچە ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››تە كۈچلۈك دىراماتىك توقۇنۇش جانلىق ئىپادىلەندى، بوتسىۋانا ئۇسسۇلىدا قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ مەردانىلىكى نامايان قىلىندى، ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹تەڭرىتاغ پەرەڭگۈلى››دە ھەقىقىي ھېسسىيات كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلدى، ‹‹يىپەك يولىدىكى گۈل بەرگىدە شەبنەم›› ئۆزگىچە گۈزەللىكنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ نومۇرلار كىشىلەرنىڭ قەلب تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، ئۇسسۇل بايرىمى قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى.
بۇنى ‹‹ئۇسسۇل بايرىمى قىزغىنلىقى›› دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
يۇقىرى سەۋىيەلىك نومۇرلار ۋە خەلقئارالىشىش ‹‹ئۇسسۇل بايرىمى ھادىسىسى››نى شەكىللەندۈرگەن ئاساسىي سەۋەب. ئۇسسۇل بايرىمىغا دۆلىتىدە تونۇلغان ھەم ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سەنئەت ئۆمەكلىرى كەلدى، بۇ سەنئەت ئۆمەكلىرى ئېلىپ كەلگەن سەنئەت نومۇرلىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور شۆھرەت قازانغان نومۇرلار دېيىشكە بولىدۇ، بۇنداق ئېسىل نومۇرلار دېڭىز – ئوكياندىن ئەڭ يىراق بولغان ناخشا – ئۇسسۇل ماكانىدا ئوينالغان تۇرسا، كىشىلەر بۇ پۇرسەتنى قانداقمۇ قولدىن كەتكۈزۈپ قويسۇن.
تاماشىبىنلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىقى ‹‹ئۇسسۇل بايرىمى ھادىسىسى››نىشەكىللەندۈرگەن ئىچكى سەۋەب. مەدەنىيەت ئىنسان روھىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى، ئومۇمىي ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولىدىغان ئېھتىياج. كىشىلەر ھاۋا، يېمەكلىك، سۇ قاتارلىق ئاساسىي ماددىي شارائىت بىلەن جىسمانىي ئېھتىياجىنى قاندۇرغانغا ئوخشاش، مەدەنىيەت ئارقىلىق روھىنى ئۇرغۇتىدۇ، ئۇنىڭدىنشادلىق تاپىدۇ، خاراكتېرىنى تاۋلايدۇ، روھىي تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ.
ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى بولغان شىنجاڭدىكى ئۇسسۇل كەيپىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئۆسۈۋاتقان ئېستېتىك ئېھتىياجى ‹‹ئۇسسۇل بايرىمىھادىسىسى››نىڭ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ناخشا – ئۇسسۇلدىن ئايرىلالمايدۇ، توي – تۆكۈن، ھېيت – بايرام، ئولتۇرۇشلار، كىشىلەر يىغىلغان سورۇنلار ناخشا – ئۇسسۇلسىز قىزىمايدۇ، بۇ ھەر مىللەت خەلقنى ناخشا – ئۇسسۇلغا تەبىئىي يېقىنلاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۇلاردا ناخشا – ئۇسسۇلدىن بەھرىلىنىش ۋە ئۇنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن. شۇڭا شىنجاڭدەك ناخشا – ئۇسسۇل ماكانىدا خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشتە، شىنجاڭدا تاماشىبىنلارنىڭ ھەم كۆپ، ھەم سەۋىيەلىك ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان بولسا كېرەك.
ئۇسسۇل بايرىمىدا ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش›› تەلىپى رېئاللاشتى.زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ باشقا ئېسىل نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈپ ۋە شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى ئىچكى ئامىلغا ئايلاندۇرۇش؛ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىلغار بۆلەكلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پاسسىپ تەرەپلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك. ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭغا سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ئۆرنەك ئېلىش، ئويلىنىش، ئەۋج ئالدۇرۇش، چىقىرىپ تاشلاش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوچۇق نەزەر دائىرىسى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى. بىز دۇنيادىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندا، دۇنيا بىزدىن زۇقلاندى، بىز نادىر نومۇرلارنى ئالقىشلىغاندا، چەت ئەللىكلەر شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە نومۇرلىرىغا قايىل بولدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، شىنجاڭلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بۇ قېتىمقى بايرامدا ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى. تىياتىرخانا سىرتىدا تەرتىپ ساقلاش، تىياتىرخانىدىكى جىمجىتلىق ۋە ئالقىش ياڭرىتىش شىنجاڭلىقلارنىڭ يۇقىرى ساپاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. شىنجاڭلىقلار دۇنيا ۋە سەنئەتكە يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈردى، قىزغىن ئالقىشلىدى ۋە ئۇنىڭدىن سەمىمىي ئۆگەندى.
ئۇسسۇل بايرىمى ھەقىقەتەن ‹‹مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاۋامغا نەپ يەتكۈزدى››. ئاپتونوم رايون ‹‹12 – بەش يىل›› باشلانغان يىلنى ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىيىلى›› قىلىپ بېكىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق 22 تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاۋامغا نەپ يەتكۈزۈشنى بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر تۈر قىلغانىدى. شۇڭا ھەقسىز بېلەت ھەدىيە قىلىنغاندىن سىرت، ئاپتونوم رايونمالىيە تولۇقلىمىسى ئارقىلىق بېلەت باھاسىنى نەچچە ئون يۈەنگە چۈشۈرۈپ، ئويۇن كۆرۈش ئارزۇسى كۈچلۈك تاماشىبىنلارنى تىياتىرخانىلارغا جەلپ قىلدى، جامائەت پاراۋانلىقى ۋاسىتىسى بىلەن تېخى بازار ئېڭى شەكىللەنمىگەن ئاممىنى تىياتىرخانىلارغا باشلىدى، بىر – بىرىدىن ئېسىل نومۇرلار كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن سەنئەت تەشنالىقىنى ئۇرغۇتتى.