مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن
ئەجدادلىرىمىز ياراتقان ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ مەھسۇلى.
ئەجدادلىرىمىز ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، يېڭى تۇرمۇش شارائىتىغا ماس قورال – سايمانلارغا موھتاج بولدى ۋە بۇ مۇئەممالارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېرىقچىلىقتا يەر تۈزلەش، يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىش، پەرۋىش قىلىش، سۇ تۇتۇش، زىرائەتلەرنى يىغىۋېلىش، خامان ئېلىش، داننى پاخىلىدىن ئايرىش قاتارلىقلارغا دائىر سايمانلارنى تەدرىجىي بارلىققا كەلتۈردى ۋە ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. بۇ يازمامدا بۇلاردىن دان ۋە يىرىك يۇمشاقنى ئايرىيدىغان بىر قىسىم سايمانلار ھەققىدە توختىلىمەن.
غەلۋىر. غەلۋىر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پاكىزلاش، داننى سامان، پاخالدىن ئايرىۋېلىشتا ئىشلىتىدىغان سايمان بولۇپ، ياسىلىشى ئاددىي، ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. غەلۋىر ياساشقا خاس تىرەك ياغىچى ئىشلىتىلىدۇ. ياغاچ نېپىز تىلىنىپ، چەمبەر شەكلىدە ئىگىلىدۇ. تىلىنغان ياغاچنىڭ نېپىزلىكى ئىككى مىللىمېتىر، كەڭلىكى ئون سانتىمېتىر بولىدۇ. ئاندىن ئۆچكە تېرىسى ھۆل توپىغا كۆمۈپ يۇمشىتىلغاندىن كېيىن مويلىرى تازىلىنىپ ئىنچىكە تىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن چەمبەر قىلىنغان تاختاينىڭ ئاستىدىكى تۆشۈكلەردىن ئۆتكۈزۈلۈپ تور شەكلىدە توقۇلىدۇ. غەلۋىرنىڭ تۆشۈكچىلىرى بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ.
غەلۋىرنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى تارىخى ئۇزاق بولۇپ، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ئۇ ‹‹ئاندىغ››دەپ قەيت قىلىنغان. غەلۋىر بۇرۇن ئۆچكە تېرىسىنى ئىنچىكە تىلىپ ياسىلاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىم تور ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى.
ئۆتكەمە. ئىشلىتىش دائىرىسى، ياسىلىش ئۇسۇلى، خام ماتېرىيالى، شەكلى جەھەتتىن غەلۋىر بىلەن ئوخشاش بۇ سايماننىڭ تۆشۈكچىسى غەلۋىرنىڭكىدىن چوڭراق بولىدۇ. ئۇ بۇغداي، قوناق، كەندىر قاتارلىقلارنى پاخالدىن ئايرىۋېلىشتا ئىشلىتىلىدۇ. دېھقانلار بۇغداي، قوناق خامانلىرىنى ئېلىشتا ئۆتكەمىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىدۇ. ئۆتكەمىنىڭ ئىشلىتىش تارىخىمۇ غەلۋىرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.
تەڭكەش. بۇ ئىشلىتىش، ياسىلىش، خام ماتېرىيالى، شەكلى جەھەتتىن غەلۋىرگە ئوخشايدۇ. بىراق تەڭكەشنىڭ تۆشۈكچىسى غەلۋىرنىڭكىدىن چوڭراق، ئۆتكەمىنىڭكىدىن كىچىكرەك بولىدۇ. ئۇ ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ كەتكەن دانلارنى سۈزۈپ ئېلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەلگەك. بۇ غەلۋىر، تەڭكەش، ئۆتكەمىنىڭ نەپىسلەشتۈرۈلگەن شەكلى. قەدىمدە ئەلگەكنىڭ يۈزى يىپەك رەختتىن يۈزلىنەتتى. تۆشۈكچىلىرى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئو خاس ئۇننى كېپەكتىن ئايرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئەجدادلىرىمىز ئاشلىقنى تۈگمەندە ئۇنغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ كېپەكنى ئايرىۋېتىپ، خاس ئۇن قىسمىنى ئىستېمال قىلغاندىن باشقا كۆل، قۇدۇق سۈيىنىمۇ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ سۈزۈپ ئىشلەتكەن. دېمەك، ئەلگەك كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاسىتىسى. ئەلگەك ھازىرمۇ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئائىلىلىرىدە ئىشلىتىلمەكتە.
يۇقىرىقىلار قارىماققا ئاددىي نەرسىلەردەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىقتىكى ئۇزاق تارىخنىڭ شاھىتى. بۇ سايمانلار دېھقانچىلىق ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلمىغان ئەڭ جاپالىق شارائىتتا ئىجاد قىلىنىپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىدۇر.