ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ئەزەلدىن كەشتە تىكىشكە ماھىر بولۇپ، قۇمۇل قىز - ئاياللىرىنىڭ چىۋەرلىكى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئۇلار تەبىئەتتىكى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك كۆز قارىشىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان گۈل - گىياھ، ئوت - چۆپ، تاغ - تىزمىلىرى، ئېقىن سۇ قاتارلىقلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، يىڭنە ۋە رەڭلىك يىپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى نامايەن قىلىدىغان گۈزەل سۈرەتلەرنى دوپپا، ياقا، يەڭ، ياستۇق، داستىخان، پەردە، يوتقان - كۆرپە قاتارلىقلارغا كەشتىلەپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ چېۋەرلىكى ۋە ئىجادكارلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.












(تامام)