ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن 2012-يىللىق ئايال كەشتىچىلىك تايانچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى 9-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىملىق كەشتىچىلىك كەسپى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسىغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 45ئايال كەشتىچىلىك ماھىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى 15كۈنلۈك كۇرسىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىرىپ كەشتىچىلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىدۇ.
مۇخبىرىمىز شېرىنگۈل توختى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاسىيەت ئەلىنى زىيارەت قىلماقتا
مۇخبىرىمىز نۇزىگۈل ئىمىر تۇرپاندىن كەلگەن كەشتىچىلىك ئۇستۇسى گۈلنىسا ھەدىنى زىيارەت قىلماقتا
كۇرسانتلار كەشتىچىلىك مەشق قىلماقتا
(تامام)