سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
يوللانغان ۋاقىت : 2014-10-01
تەھرىر : admin
-
چوڭ
-
ئوتتۇرا
-
كىچىك
-
خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
VySئاقيول تور بىكىتى
سالاملىشىش كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كەم بولسا بولمايدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى. سالاملىشىش ئۆز ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كىشلەرنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، مەدەنىيەتلىك بولۇشقا يېتەكلەيدۇ، دوستلۇقنى كۈچەيتىدۇ، ھۆكۈمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. سالاملىشىشتىن ۋۇجۇدىمىز بىر خىل سۆيۈنۈش تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ، قەلبىمىز باھار ئاپتىپىدەك يورۇپ، ئىللىقلىققا تولىدۇ. دىلى رەنجىشىپ قالغان كىشلەرمۇ سالامنىڭ ھېكىمىتى ۋە ھارارىتى بىلەن ئارىدىكى ئاداۋەت، ئۇقۇشماسلىق، رەجىشلەرنى تۈگىتىدۇ.مەھەللىمىزدە ئۇزاقتىن بۇيان ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن قوشنىلار بار ئىدى. ئۇلار بىر قېتىم بالا ئارىسىغا كىرىپ رەنجىشىپ قالدى، بالا ئارىسىغا كىرىپ جېدەللىشىپ بەكمۇ ئەخمەقلىق قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان قوشنىلاردىن بىرى ئۇزاق ئۆتمەي قوشنىسىنى ئۇچراتسىلا سالام بېرىپ ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ سالاملىرى دەسلەپتە ئىلىكسىز قاپتۇ، بىراق سالامنىڭ ئىللىق ھارارىتى ئاداۋەت مۇزلاتقان يۈرەكنى ئاستا-ئاستا ئىللىتىپ چىرايلاردا كۈلكە پەيدا قىپتۇ.شۇنداق، سالاملىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ، شۇڭا دۇنيادىكى ھەممە مىللەت ئۆزىگە خاس سالاملىشىش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ياشىغان ئورنى ۋە جۇغراپىيەلىك شارائىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئاساسەن سالاملىشىش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىشنىڭ قائىدىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە يېشى كىچىكلەر چوڭلارغا، بالىلار ئاتا-ئانىلارغا، شاگىرتلار ئۇستازلارغا، ئات مىنگەنلەر پىيادىلەرگە، پىيادە ماڭغانلار ئولتۇرغانلارغا، ئۆيگە كىرگەنلەر ئۆيدىكىلەرگە سالام بېرىشنى ئادەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، بىر قول بىلەن كۆرۈشۈش، ئىككى قوللاپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش، سۆيۈپ كۆرۈشۈش، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال-ئەھۋال سوراپ، تەكەللۇپ سۆزلىرى ئارقىلىق كۆرۈشۈش قاتارلىق سالاملىشىش شەكىللىرى بار. مەيلى قانداق سالاملىشىش بولسۇن، سەمىمىي، ئوچۇق چىراي بولۇش، سۆزلىرى ئىلمىي، ھەرىكەتلىرى سىلىق بولۇش لازىم، بىراق بۈگۈنكى كۈندە بەزىلەر، بولۇپمۇ بىر قىسىم ياشلاردىكى غەيرىي، ئۆزگىچە سالاملىشىش ئادىتى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋامىشىپ كېلىۋاتقان سالاملىشىش ئەنئەنىلىرىمىزنى كۆزنى ياشلاپ، ھەسرەت چۆلىگە تاشلاپ قويۇۋاتىدۇ. ئالايلى، بىزەپ، قوپال سۆزلەر بىلەن تىللاپ ساملىشىش، ئۇزاق كۆرۈشمىگەن دوستلار بىلەن كۆرۈشكەندە:« ھاياتمۇ سەن؟ تېخى ئۆلمەپسەندە» دەپ، داۋالىنىپ چىققانلارنى كۆرگەندە:«دوختۇرخانىدىن تىرىك چىقىپسەنغۇ» دېگەندەك كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان، شۇملۇق تىلەيدىغان سۆزلەر بىلەن سالاملىشىش، مۈرىسىگە ياكى ئالىقىنىغا قاتتىق ئۇرۇپ سالاملىشىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە قارشى تەرەپنىڭ قولىنى ئۇزاققىچە قويۇپ بەرمەي، قاتتىق سىلكىپ سالاملىشىش، ئىككى قولنى كەينىگە تۇتۇۋېلىپ، غاىيىپ تۇرۇپ سالاملىشىش ياكى قولنىڭ ئۇچىنى تەگكۈزۈپ قويۇش، ئەمەل-مەنسەپ نامىنى ئاتاپ خۇشامەتچىلىك بىلەن سالاملىشىش، «ھاي ...» دەپ كۆرۈشۈپ، «بەي-بەي» دەپ خوشلىشىش دېگەندەك.ئادەتتە ئىجتىمائىي ئورنى، نەتىجىسى يۇقىرى، ئەمەل تاجىنى تاقىغانلار قول ئاستىدىكىلەرگە، ئادەتتىكى كىشىلەرگە سالام بەرگەندە، ئۇنىڭ سەمىمىي، كىچىك پېئىللىقى ئاۋام ئالدىدا ئايان بولۇپ، ئەل-يۇرتنىڭ ھۆرمىتىگە، ساداقىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە پۇقرالارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالمايدىغان ئەمەلدارلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالىمىغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار، نامراتلارنىڭ سالىمىنى يەرگە ئۇرىدىغان بايلار مەڭگۈچىن يۈرەكتىن ئۇرغۇغان ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ.ئومۇمەن، سالاملىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولۇپ، دەۋر ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات داۋامىدا ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادەتلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشىمىز، قەدىرلىشىمىز، قوغدىشىمىز كېرەك شۇنداقلا سالاملىشىش ئارقىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئالاقىنىڭ ئالتۇن بوسۇغىسىدىن خۇشاللىق بىلەن ئۆتۈپ، ھاياتىمىزنى چوڭقۇر مەنالارغا تولدۇرۇشىمىز ھاجەتتۇر.