تۇز يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان، تاماقلىرىمىزنىڭ تەمى، قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم تېتىتقۇلارنىڭ بىرى.
ئىنسانلارنىڭ ھەر قانداق يېمەك – ئىچمىكى تۇزدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا تۇزسىز تاماقنىڭ لەززىتى بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ قاچاندىن باشلاپ تۇز ئىستېمال قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسا كېرەك. لېكىن ئىنسانلارنىڭ ئوتتىن پايدىلىنىپ تاماق پىشۇرۇپ يېيىشكە قەدەم قويغىنىدىن باشلاپ تۇز ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن چاغلاردا گۆشنى خام يېگەچكە، خام گۆشكە تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا ھاجەت بولمىغان. ئىنسانلار ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا دەۋر بۆلگۈچ ئۆزگىرىش بولغان. بولۇپمۇ دېھقانچىلىققا قەدەم قويغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا تائاملارنىڭ تەمى، لەززىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، بۇنىڭ بىلەن تۇز ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تېتىتقۇغا ئايلانغان.
تۇز ئادەتتە دەريا، دېڭىز، كۆللەرنىڭ ساھىللىرىدە تەبىئىي ھالدا شەكىللىنىدۇ، قۇرغاق توپا ئاستىدا ئۇزاق مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن تۇز كىسلاتاسى زىچ بىرىكىپ تۇز ھاسىل بولىدۇ. ئىنسانلار ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا تەبىئىي تۇز ئىستېمال قىلىپ كەلگەن، ھازىرقى دەۋردە تۇز زاۋۇتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى نەتىجىسىدە تازىلانغان تۇز ئىستېمال قىلىشقا يۈزلەندى، ھازىر شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى تازىلانغان تۇزنى ئىستېمال قىلىۋاتىدۇ.
تۇز خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. تۇز تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلقىمىزنىڭ ئىدىيەۋى ئىشەنچىسىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. خەلقىمىز تۇزنى ئۇلۇغلۇقنىڭ، مۇكەممەللىكنىڭ، ئىناقلىقنىڭ، گۈزەللىكنىڭ، بەخت – سائادەتنىڭ، بايلىق – بەرىكەتنىڭ، پاكلىقنىڭ، ساداقەتمەنلىكنىڭ، ياخشىلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.
تويى بولغان قىز – يىگىتكە تۇزغا چىلانغان ناننى يېگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت تىلىنىدۇ، قىزنى ھۇجرىغا كۆچۈرۈپ كىرگەندە، قىز ئولتۇرىدىغان كۆرپىنىڭ ئاستىغا تۇز قويۇپ قويۇش ئارقىلىق ئىككى ياشنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىناق ئۆتۈپ، ئائىلىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، قىزنىڭ شۇ ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولۇپ قېلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ؛ تويلاشماقچى بولغان ئوغۇل تەرەپ قىزنىڭ ئائىلىسىگە داستىخان قىلىپ بارغاندىكى نېمەتلەر قاتارىدا تۇز ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ ئىناق، مەڭگۈ دوستانە ئۆتۈشىگە بولغان ئارزۇنى بىلدۈرىدۇ. يەنە ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىمۇ تۇزغا ئائىت مەزمۇنلار كۆپ. مەسىلەن، باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب بېرىدىغان كىشىلەرنى ئەيىبلەيدىغان ‹‹تۇزكور››، ‹‹تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىنى چېقىپتۇ›› دېگەندەك سۆز ۋە ماقالىلەردە خەلقىمىزنىڭ تۇز ئەقىدىسى ئىپادىلەنگەن.
دېمەك، تۇز خەلقىمىزنىڭ ئىدىيەۋى ئىشەنچىسىدە ئۇلۇغلۇققا، بايلىققا، ياخشىلىققا، بەخت – سائادەتكە، ساداقەتمەنلىككە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، مۇكەممەل مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۇز ھەققىدىكى بۇ چۈشەنچىلەر خەلقىمىزنىڭ ئېڭىدا ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان تەدرىجىي شەكىللىنىپ، ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن مۇكەممەل مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر. قىسقىسى، خەلقىمىزنىڭ تاماق مەدەنىيىتى، ئېتىقادى، ئۆرپ – ئادىتى، ئېستېتىك ئېڭى، پەلسەپىۋى قارىشى تۇز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.