• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سېۋەت توقۇش ھۈنىرى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    R9zئاقيول تور بىكىتى

        R9zئاقيول تور بىكىتى

        ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا، چارۋىچىلىق، دېھقانچلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ، ياغاچ، تاش، سۆڭەك ۋە ھەرخىل مېتاللاردىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك قورال-ياراغ، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى، شۇنداقلا خېلى بۇرۇنلا ھايۋانلارنىڭ يۇڭى، كەندىر، زىغىر پاخىلى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، رەخت توقۇپ كىيىم قىلىپ كىيىشنى، ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ، ھەر تۈرلۈك تورمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى ئۆگىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سېۋەت توقۇش ھۈنىرى سەنئىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان، ئۇلار يۇلغۇن، تال-توغراق ۋە سۆگەت قاتارلىق غولى بىر قەدەر ئەۋرىشىم بولغان دەرەخلەرنىڭ چىۋىقلىرى (ئۇششاق غوللىرى)دىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل سېۋەتلەرنى توقۇپ تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇلار توقۇپ، ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سېۋەتلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.R9zئاقيول تور بىكىتى

        1. توغرا سېۋەتR9zئاقيول تور بىكىتى

        بۇ خىل سېۋەت ئاساسلىقى يۇلغۇن چىۋىقىدا چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بولۇپ، شەكلى توغرىسىغا ئۇزۇنچاق، قاپ ئوتتۇرىسىغا سۆگەت بادىرسىدىن قىلىنغان يايى شەكىللىك باغ بېكىتىلگەن بولىدۇ. ئۇ، چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بولۇپ، ئوت-چۆپ ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا ئەپلىك كېلىدۇ، كىچىكلىرى ئۆرۈك سېۋىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.R9zئاقيول تور بىكىتى

        2. ئاياغلىق سېۋەتR9zئاقيول تور بىكىتى

        بۇ خىل سىۋەت ئاساسلىقى يۇلغۇن چىۋىقىدا يۇمىلاق شەكىلدە توقۇلىدىغان بولۇپ ، بۇ ئاساسلىقى ھايۋانلارغا ئوت-چۆپ ۋە يەم-خەشەك (ھەلەپ) بېرىش قاتارلىق ئىشلاردا پايدىلىنىشقا بەكمۇ باپ كېلىدۇ.R9zئاقيول تور بىكىتى

        3. قاپقاقلىق سېۋەتR9zئاقيول تور بىكىتى

        بۇ خىلدىكى سېۋەت ئاساسلىقى تال-توغراق چىۋىقىدا ، يۇمىلاق شەكىلدە ، چىۋىن قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلار كىرەلمىگۈدەك دەرىجىدە قېلىن توقۇلۇپ، قاپ ئوتتۇرىسىغا ھىم كەلگۈدەك تۇۋاق قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۆرۈشىدىن تۇتىدىغان باغ چىقىرىلىدۇ.بۇنى ئەجدادلىرىمىز نان ، گۆش-ياغ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ساقلاشتا پايدىلانغان.R9zئاقيول تور بىكىتى

        4. قوشۇقلۇق سېۋەتR9zئاقيول تور بىكىتى

        بۇ ئىنتايىن ئەۋرىشىم ھەم ئۇششاق تال-توغراق چىۋىقىدا توقۇلىدىغان سۈپىتى ئۆزگىچە سېۋەت بولۇپ، شەكلى يۇمىلاق، ھەجىمى كىچىكرەك، ئۆزىنىڭ ئۆرۈشىدىن باغ چىقىرىپ توقۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز تاماق يېيىشتە پايدىلىنىدىغان قوشۇق قاتارلىق ئاشخانا سايمانلىرىنى ساقلاشتا پايدىلانغان بولغاچقا، شۇڭا ئۇ ‹‹قوشۇقلۇق›› سېۋەت دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.R9zئاقيول تور بىكىتى

        5. تەۋەڭR9zئاقيول تور بىكىتى

        بۇ خىلدىكى سېۋەت يۇلغۇن، تال-توغراق، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەنىڭ چىۋىقلىرىدا توقۇلىدىغان بولۇپ، شەكلى تۈز ھەم چوڭ لېگەنگە ئوخشاش توقۇلىدۇ.ئۇنى ئاساسلىقى ناۋايلار تونۇر بېشىدا نان قويۇپ ساقلاش، بازارلاردا قولى ياكى بېشىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ نان سېتىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىپ كەلگەن.R9zئاقيول تور بىكىتى

        6. سۈكەنR9zئاقيول تور بىكىتى

        بۇ خىلدىكى سېۋەت بىر نەچچە تال، ئۇزۇنلىقى 70-80 سانتىمېتىر كېلىدىغان سۆگەت بادرىسىنى ئۆرۈش قىلىپ، يۇلغۇن ياكى سۆگەت چىۋىقىدا ئاستى تارراق، ئۈستى كەڭرەك تىراپىتسىيە شەكلىدە توقۇلىدىغان يەنە بىرخىل سېۋەت بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز بۇنى ئاساسلىقى ئېشەكلەرگە بىر جۈپتىن قىلىپ ئارتىپ، مېۋە-چېۋە قاچىلاپ يۆتكەشتە ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەپسۇس، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە مېۋە-چېۋە قاچىلايدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە بۇ خىل سېۋەت ئۆز رولىنى يوقاتتى.R9zئاقيول تور بىكىتى

        7. باداڭ سېۋەتR9zئاقيول تور بىكىتى

        بۇ خىل سېۋەتمۇ ئوخشاشلا يۇلغۇن چىۋىقىدا ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر مېتىردىن 1.5 مېتىرغىچە ، ئاستى ، ئۈستى چەمبەر شەكلىدە توقۇلىدىغان بولۇپ، بۇنى ئەجدادلىرىمىز ئاشلىقلارنى بىخەتەر ساقلاشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. شۇڭا كونىلارنىڭ ‹‹ئاشنى باداڭدىن سوراڭ، ئىشنى كاداڭدىن (سوراڭ) ›› دېگەن ماقالىمۇ شۇنىڭدىن قالغانمىش.R9zئاقيول تور بىكىتى

        8. خامان سېۋىتىR9zئاقيول تور بىكىتى

        بۇ دەرەخنىڭ ئۇششاق چىۋىقلىرىدا ئاياغلىق سىۋەتنىڭ شەكلىدە ھايۋانلارنىڭ تۇمشۇقى پاتقۇدەك قىلىپ توقۇلۇپ، خامان ئېلىش ۋاقتىدا خامانغا قوشۇلغان ھايۋانلارنىڭ بۇغدايلارنى يەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۇمشۇقىغا كەيدۈرۈپ قويۇلىدىغان بىر خىل سېۋەت بولۇپ، ھازىر خامان ئېلىش ئىشلىرىنىڭ ماشىنىلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل سېۋەتمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز رولىنى يوقاتتى.R9zئاقيول تور بىكىتى

        9. باسماق سېۋەتR9zئاقيول تور بىكىتى

        بۇ خىل سېۋەتنىڭ ئاستى تار، ئاغزى تەرىپى كەڭ قىلىپ، تىراپىتسىيە شەكلىدە ئېھتىياجىغا قاراپ، تومراق چىۋىقلاردا چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بىر خىل سېۋەت بولۇپ، ئېغىز ئايلانمىسىنىڭ ئەتراپىغا توخۇ، كەپتەرلەرنىڭ بېشى پاتقۇدەك تۆشۈكچىلەر قويۇلىدۇ. بۇ سېۋەتنى دۈم كۆمتۈرۈپ، توخۇ، كەپتەر قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشتا ئىشلىتىپ كەلگەن.R9zئاقيول تور بىكىتى

        10. كۈۋۈك سېۋەتR9zئاقيول تور بىكىتى

        بۇ خىلدىكى سېۋەت ئاياغلىق سېۋەتكە ئوخشاش، كىچىك ھەم پاكار، پەتنۇس شەكلىدە توقۇلىدىغان بولۇپ، مەخسۇس كەپتەرخانىلاردا كەپتەرلەرنىڭ ئۇۋا ياسىشى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلىدۇ.R9zئاقيول تور بىكىتى

        ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەجدادلىرىمىز دەرەخنىڭ ئۇششاق غوللىرىدىن پايدىلىنىپ، زەمبىل، چويلا قاتارلىق نەرسىلەرنى توقۇپ تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىمىز ئاستا-ئاستا مودىدىن قالماقتا.(تامام) R9zئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز