• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قول-ھۈنەر سەنئەت بويۇمى-چورۇقباغ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        چورۇقباغ تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق ۋە ئىلمە توقۇلما تېخنىكىسىنىڭ راۋاجى بولۇپ، ئۇ مىللىي خاسلىقى، نەپىسلىكى، يارىشىملىقى بىلەن تاجىك ئەر – ئاياللىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئاياغ كىيىمى بولغان چورۇقنىڭ بۇقۇشى. چورۇقباغ تاجىك كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىدىكى يارقىن نامايەندىلەرنىڭ بىرى.oDxئاقيول تور بىكىتى

        چورۇقباغ ساپ مەشۇتتىن رەڭلىك توقۇلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر مېتىر،كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بويىغا ھەرخىل يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مۇنچاقلار تۇتۇلۇپ، قوي كۆزى، ئىت قۇيرۇقى، غىش شەكىللىك گۈل، پۆپۈك چىقىرىلىدۇ. چورۇقباغ توقۇشتا ئۇزۇنلۇقى 45 ~ 50 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى ئىككى مىللىمېتىر كېلىدىغان ئارچا ياكى غوج دەرىخىنىڭ پىشقان چىۋىقىدىن ئىككى دانە زىخ ياساپ، زىخنىڭ ئىككى ئۇچى سىلىقلاشتۇرۇلۇپ، يېپىلىپ ئوڭ قول بارمىقى بىلەن گۈل نۇسخىسىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ بىر – بىرسىگە ئۆتكۈزۈپ توقۇلىدۇ.oDxئاقيول تور بىكىتى

        چورۇقباغ توقۇش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، توقۇلۇشىنىڭ سىپتىلىقى، مىللىي خاسلىقى، تۇرمۇشقا يېقىنلىقى بىلەن قول ھۈنەر – سەنئىتىدەئالاھىدە قىممەتكە ئىگە. چورۇقباغ توقۇش توقۇغۇچىدىن ئىنچىكىلىكنى، سىپتىلىقنى، ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان نەپىس سەنئەت. شۇڭا، ئۇ تاجىكلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.(تامام)oDxئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز