• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        IZgئاقيول تور بىكىتى

        *ئىككى كىشلىك ئىلەڭگۈچIZgئاقيول تور بىكىتى

        قىرغىز قىزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان ئۈچ بۇرجەكلىك تىرەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تال ئارغامچا باغلىنىدۇ. بىر قېتىمدا ئىككى ئادەم ئارغامچىغا چىقىپ ئوتتۇرىدىكى ئارغامچىنى دەسسەپ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرىدۇ ھەمدە ھەر بىرىنىڭ بېلى ئىككى ياندىكى بىردىن ئارغامچىغا يۆلىنىپ، ئىككى قولىنى كېرىپ ئارغامچىنى تۇتۇپ ئۇچۇشقا تەييارلىنىدۇ.IZgئاقيول تور بىكىتى

        *ئات ئۈستىدە تەڭگە ئېلىشIZgئاقيول تور بىكىتى

        قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى تەنھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ مۇسابىقە كەڭرى ۋە تۈز مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تۈز سىزىق سىزىلىپ، سىزىق ئۈستىگە ھەر 10 مېتىر ئارىلىققا كەڭلىكى 15 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 10 سانتىمېتىرلىق قول پاتقۇدەك ئۈچ ئورەك كولىنىدۇ. بۇ ئورەكلەرگە ھەر خىل تەڭگىلەر سېلىپ قويۇلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئورەكتىن 50 مېتىرچە يىراقلىقتىن ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، ئات ئۈستىدىن ئېڭىشىپ تۇرۇپ تەڭگىنى ئالىدۇ، ئېلىۋالغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ.IZgئاقيول تور بىكىتى

        * ئۈزۈك چىشلەشIZgئاقيول تور بىكىتى

        قىرغىزلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا بىر دانە ئۈزۈك تەكشى يەرگە قويۇلىدۇ، ئويۇنغا قاتناشقۇچى ئىككى پۇت ئارىلىقىنى 80 سانتىمېتىر ئېچىپ، ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ ياكى كەينىگە قىلىپ تىك تۇرىدۇ، ئاندىن ئىككى تىزىنى ئەگمەي ئېڭىشىپ يەرگە قويۇلغان ئۈزۈكنى ئاغزى بىلەن چىشلەپ ئېلىپ ئەسلىي قىياپىتىگە قايتىدۇ.IZgئاقيول تور بىكىتى

        * بۆرە-قوتان ئويۇنىIZgئاقيول تور بىكىتى

        قىرغىز ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ چارۋىچىلىق ھاياتىدىكى رېئال تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنىغا تەقلىد قىلىپ ئىجاد قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا بىر توپ بالىلار يەرگە چەمبەر سىزىپ «قوتان» ياسايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە تۇماق، چاپانلىرىنى قالايمىغان تاشلايدۇ (بۇ قويغا تەمسىل قىلىنغان)، «بۆرە» بولغۇچىلار «قوتان» غا ھۇجۇم قىلىپ، «قوي» دىن بىرەرىنى ئېلىپ قاچالىسا غەلبە قىلىدۇ.IZgئاقيول تور بىكىتى

        * ئايدىڭدا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىIZgئاقيول تور بىكىتى

        ئايدىڭ كېچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭغا پەقەت ئاياللارلا قاتنىشىدۇ. بۇ ئويۇن ئۈچ خىل تۈردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.(تامام)IZgئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز