ئۇسسۇل سەنئىتى بەدەن ئارقىلىق ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدىغان نەپىس سەنئەت شەكلى بولۇپ، ئۇ ھەرىكەتچان ھالەتتە شەكىل ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ، كىشىدە مول تەسەۋۋۇر ۋە ئېستېتىك تۇيغۇ قوزغايدۇ.
ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى ئۇسسۇلچىنىڭ بەدەن ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ۋە ئىپادىلەش تىلى بولغان بەدەن ھەرىكىتى تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ھەرىكەت ۋە سىگنال شەكىللىرىنى تاللاش، مەركەزلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، بەدىئىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا تاۋلىنىپمەيدانغا كەلگەن.
ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئاددىي، چاتما، كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغۇچى ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ ھەرىكەت تۈزۈلمىسى ۋە ھەرىكەت سىستېمىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇسسۇللۇق ھەرىكەتتە ئوخشىتىش ۋە ئىپادىلەش مەقسەت قىلىنىپ، ئوخشىتىش ۋە ئىپادىلەش ئۇسسۇللۇق ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق ئوخشىتىش ۋە ئىپادىلەش ھەمتەقلىدىي، ھەم ئۈلگىلىك ھەم سىمۋوللۇق، ھەم مۇبالىغە قىلىنغان بولىدۇ. ئۇسسۇللۇق ھەرىكەتتە ھەرىكەتنىڭ كۆپ خىللىقى، ئۆزگىرىشىنىڭ تېزلىكى، ئىپادىلەش ئۈنۈمى، كۈچەش دەرىجىسى، نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش دەرىجىسى بويىچە ئوخشىمىغان ئوبراز يارىتىلىدۇ.
ئۇسسۇللۇق ھەرىكەت ئۇسسۇللۇق ھېسسىياتنى ئىپادىلەش بىلەن بىرلىشىپ، ئۇسسۇل گۈزەللىكىنى ھاسىل قىلىدۇ. ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۇسسۇل سەنئىتىدىكى ئاساسلىق بەدىئىي ئىقتىدار بولۇپ، ھېسسىياتلىق ھەرىكەتتە ئىما – ئىشارەتلەر ئارقىلىق ھېسسىيات ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇسسۇل سەنئىتىدە ھېسسىيات كۆز، چىراي ئىپادىسى، قول، پۇت ۋە ئۇسسۇللۇق ھەرىكەت، جۈملىدىن گىرىم، كىيىم، سەھنە جابدۇقلىرى، دېكىراتسىيە ۋە مۇزىكا ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قەدەم ھەرىكىتى ئالاھىدە ھېسسىيات تىلى بولۇپ، ئۇھېسسىياتنى، خاراكتېرنى، قەلبنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: مەزمۇت قەدەم ئىشەنچ ۋە قەتئىيلىكنى، رەتسىز قەدەم ئالاقزادىلىكنى، ئاستا قەدەم ئىرادىسىزلىكنى، جىددىي قەدەم خاتىرجەمسىزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. قەدەم ھەرىكەتلىرى كۆز ھەرىكەتلىرى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ئۇسسۇلچىنىڭ ئىپادىلىگەن ھېسسىياتى تاماشىبىن قەلبىدە ئەكس سادا پەيدا قىلىپ، ئۆزىگە مەھلىيا قىلالايدۇ.
‹‹مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان›› دىكى ئۇسسۇللارغا قارايدىغان بولساق، ھەربىيلەرنىڭ ئۇسسۇللىرىدا ناھايىتى دادىل قەدەم بىلەن ئىشەنچ ۋە قەتئىيلىك، قاراقچىلارنىڭ ئۇسسۇللىرىدا بولسا ئۆكتەملىك، مەنمەنچىلىك ئىپادىلەنگەن. ئاخىرقى قىسمىدىكى ئۇسسۇلدا بولسا غەلىبە تەنتەنىسى، خۇشاللىق ئىپادىلەنگەن.