• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تاجىك خەلق ناخشا–قوشاقلىرى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        ناخشا – مۇزىكا ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مۇزىكا ئاھاڭلىرى ئىپتىدائىي مۇزىكىغا سۆز قوشۇلۇشتىن شەكىللەنگەن. ناخشا – مۇزىكا ئىنسانلارغا قەدىمدىن بۇيان ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسى، ئىچكى قەلب ھېسسىياتى، ئوي – پىكرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ خۇشاللىقى، قايغۇ – ھەسرىتى ۋە ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.Aeaئاقيول تور بىكىتى

        ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنى مەركەز قىلىپئولتۇراقلاشقان تاجىك خەلقى مىللىي خاسلىققا تويۇنغان، ئۆزگىچە، جۇشقۇن ئاھاڭدىكى ناخشا – مۇزىكىغا بايمىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار گۈزەل يايلاق، مۇنبەت يەرلەردە چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ يېرىم ئولتۇراقلاشقان ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ئۆزىگە خاس فولكلور مەدەنىيىتى ۋە مول سەنئەت ئامىلىنى ئاپىرىدە قىلغان. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە بارغان ھەرقانداق كىشى بۇ يەردىكى ئېگىز چوققىلار، يىل بويىئېرىمەيدىغان قارلىق تاغلار ۋە ھاڭلارنى، كۆك سامادا لەرزان پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتلەرنى، رەڭدار ياغلىقلارنى ئارتقان تاجىك خانىم – قىزلىرىنى، بەيگىلەردە ئويناۋاتقان قارىقاش تاجىك يىگىتلىرىنى كۆرۈپ ھاياجانلانماي تۇرالمايدۇ. تاجىك خەلق ناخشىلىرىغا مانا مۇشۇ گۈزەل زېمىن كىشىلىرىنىڭ قايناق ھېسسىياتى سىڭدۈرۈۋېتىلگەن.Aeaئاقيول تور بىكىتى

        قەدىمدىن تارتىپ ھەيۋەتلىك پامىر ئېگىزلىكىدە ياشاپ كەلگەن تاجىك خەلقى ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر تەركىبى، شۇنداقلا پۈتكۈل تاجىك مىللىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئېلىمىز تاجىك مەدەنىيەت سەنئىتى بۈيۈك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى بىر بايلىق. ئۇنىڭدا پۈتكۈل تاجىك مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ ئورتاقلىقى، بولۇپمۇ تاغلىق تاجىكلارنىڭ ئالاھىدە سەنئەت ئورتاقلىقى گەۋدىلەنگەن.Aeaئاقيول تور بىكىتى

        تاجىك خەلق ناخشا – قوشاقلىرىدا تاجىك خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بەدىئىي تىل ۋە كۈي – ئاھاڭ ئارقىلىق مۇجەسسەملىنىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن تاجىك خەلق ناخشا – قوشاقلىرىنىڭ بەزىلىرىدە پاك ئىشق – مۇھەببەت مەدھىيەلەنسە، بەزىلىرىدە ۋاپاسىز يارغا لەنەت ئوقۇلىدۇ. بەزىلىرىدە خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان قەھرىمانلارغا مەدھىيە ئوقۇلسا، بەزىلىرىدە زالىملارنىڭ زۇلمىدىن شىكايەت قىلىنىدۇ. بەزىلىرىدىن يار ۋىسالىغا بولغان تەشنالىق ئىزھار بولسا، بەزىلىرىدىن جۇدالىق پىغانلىرى تۆكۈلىدۇ. قىسقىسى، تاجىك خەلق ناخشا – قوشاقلىرىدا خەلقنىڭ خۇشاللىق، خاپىلىق، بەخت – سائادەت، ئۈمىد ھەم ئىنتىلىشلىرى تولۇق مۇجەسسەملەنگەن. تاجىك خەلق ناخشا – قوشاقلىرى زامان – زامانلاردىن بېرى ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ، تولۇقلىنىپ، تاكامۇللىشىپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر توپلانغان تاجىك خەلق ناخشا – قوشاقلىرىنى فولكلورشۇناسلار ئۇلارنىڭ مەزمۇنى ۋە ئورۇنلىشىش ئورۇنغا قاراپ ئەمگەك قوشاقلىرى، ئۆرپ – ئادەت ناخشىلىرى، مۇھەببەت ناخشىلىرى، دىنىي مۇراسىم ناخشىلىرى، مەرسىيە ناخشىلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلگەن.Aeaئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز