• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بەدەن تىلى ۋە ئۇسسۇل سەنئىتى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    Akcئاقيول تور بىكىتى

        ئىنسانلار تىل ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىقمۇ ھېسسىياتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.Akcئاقيول تور بىكىتى

    Akcئاقيول تور بىكىتى

        ئۇسسۇل – ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىسى تەرىپىدىن تاللىنىپ، تىپىكلەشتۈرۈلۈپ بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلانغاندىن كېيىن، تەپەككۇر بىلەن توقۇلمىنى بىرلەشتۈرۈپ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا باشقا بىر گۈزەل تۇرمۇشنى نامايان قىلىدۇ. بۇنداق توقۇلما تۇرمۇش ئادەتتىكى تۇرمۇشتىن گۈزەل، تىپىك ۋە قىزىقارلىق بولىدۇ.Akcئاقيول تور بىكىتى

    Akcئاقيول تور بىكىتى

        ئۇسسۇلچى – ئۆزىنىڭ بەدەن تىلىنى قورال قىلىپ، نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرالايدۇ. ئۇسسۇل سەنئىتى ئەڭ قەدىمىي سەنئەت شەكلى بولۇپ، ئەڭ ئاۋۋال ئاددىي قول ھەرىكىتى، كېيىن پۇت ھەرىكىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلغان. ئۇ ھازىر ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئادەملەرنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى.Akcئاقيول تور بىكىتى

    Akcئاقيول تور بىكىتى

        ئۇسسۇل سەنئىتى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى ھېسسىياتنى تەسىرلىك، گۈزەل ھېس – تۇيغۇلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ، كىشىلەرنى ئادىمىي پەزىلەتكە ئۈندەشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەسىلەن، دولان ئۇسسۇلىدا گەرچە ئوۋچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن تۇرمۇش تۈسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئىپادىلەنگەن، سەنەم ئۇسسۇلىدا بولسا كىشىلەر قەلبى گۈزەل بولۇشقا چاقىرتىلىپ، ئىنسانىي ئېسىل پەزىلەت مەدھىيەلىنىپ، ئىنساننىڭ گۈزەللىكىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈش، گۈزەللىككە ئىنتىلىشتەك تۈپ ماھىيەت ئىپادىلەنگەن، شۇنداقلا بۇئۇسسۇللاردا يەنە قاملاشقان فىگۇرا ۋە گۈزەل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئاجايىپ گۈزەل بىردۇنيانى نامايان قىلغان ۋە گۈزەل مۇھىت، چىن مۇھەببەت، ئېسىل مىجەز – خۇلق گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.Akcئاقيول تور بىكىتى

        كىشىلەرنىڭ ئوي – خىيالىنىڭ ھەممىسى سەنئەت شەكلىگە ئايلىنالمايدۇ، پەقەت تەپەككۇر باسقۇچىدا يۈكسەك ھېس – تۇيغۇ قوزغىيالىغان ئوي – پىكىرلەر ئادەمنىڭ ئىچكى خاراكتېر قۇرۇلمىسىدا تىنىپ، سەنئەت شەكلىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئاندىن تاشقى دۇنياغا نامايان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرى تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئەقلىي تەپەككۇردىن ئۆتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك تەرىپىنى ئىپادىلەشنى ئۆزى ئىشلىمەكچى بولغان ئۇسسۇلغا سىڭدۈرىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دەۋرنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن سەنئەت ئەسەرلىرىلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ. ئۇلى ئاجىز، مەزمۇنى قۇرۇق سەنئەت ئەسەرلىرى بولسا ھامان تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋرنىڭ شاللىشىغا ئۇچراپ، ئۇنىڭ ئورنىنى يېڭى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى، ئارزۇ – ئارمانلىرى ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىنىئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سەنئەت ئەسەرلىرى ئالىدۇ.Akcئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز