• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ۋە تەبىئەت

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        سەنئەت ھاياتنى ئۆز رەڭدارلىقى بىلەن بېيىتىپ ئىنسانلارغا مەدەنىيەت تارقىتىدۇ، ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. ئىنسانلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە تىلدىن پايدىلىنىشنى بىلمىگەچكە، تۈرلۈك ئىما – ئىشارەتلەر ۋە ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئالاقە قىلىشقان. ئۇسسۇل سەنئىتى ئەنە شۇ ئىما – ئىشارەت ۋە ھەرىكەتلەردىن مەيدانغا كەلگەن سەنئەتتۇر. ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەر تەبىئەت توغرىسىدا يېتەرلىك تونۇشقا ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئەتتىكى تۈرلۈك – تۈمەن ئۆزگىرىشلەرگە ھەيران قېلىپ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى تەبىئەتتىن تاشقىرى ئىلاھىي تۇيغۇ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تونۇپ كەلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بارغانسېرى ئېشىپ، ئىلاھىي تۇيغۇلارنىڭ ئورنىنى بارا – بارا ئوبيېكتىپ چىن ھېس – تۇيغۇلار ئىگىلەشكە باشلىغان. ئۇسسۇل ئىپتىدائىي دەۋردىكى تەبىئەتنى سەھنە قىلىشتىن، بۈگۈنكى سەھنە مۇھىتىغا قەدەم قويۇشقىچە مەيلى ئۇسسۇل مەزمۇنى ياكى ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئۇسسۇل ئورۇنداش ماھارىتى جەھەتتىن بولسۇن، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىشتەك جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەن.Hy3ئاقيول تور بىكىتى

        ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ باشتىن – ئاخىر تەبىئەت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. قەدىمكى يازمىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سۇ چېچىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقى، ئوتقا بېقىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقى، ھايۋانلارنى دوراپ ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ھازىرقى زاماندىكى ‹‹شامان ئۇسسۇلى››، ‹‹نازىركوم››، ‹‹يىلان ئۇسسۇلى››، قاتارلىق ئۇسسۇللارغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى تەبىئەتتىن يارالغان، تەبىئەتنى سەھنە قىلغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ جېنى بولغان بوش دەسسەش مىمىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپراقنى ئۇلۇغلاش روھىيىتىنى ئىپادىلىگەن بولسا، كۆپلىگەن ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سۇنى ئۇلۇغلاش، قۇياشقا، يورۇقلۇققا تەلپۈنۈش، ئاۋامنى ئۇلۇغلاش، ئەمگەكنى سۆيۈش، تەبىئەتنى سۆيۈش، يېشىللىقنى سۆيۈش، تاغۇ – دەريالارنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش، باتۇرلۇق، چاققانلىق، گۈزەللىكتىن سۆيۈنۈش روھى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.Hy3ئاقيول تور بىكىتى

        دېمەك، تەبىئەت ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، تەرەققىيات سەھنىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى تەبىئەتكە قانچە يېقىنلاشقانسېرى شۇنچە ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، جەلپكارلىقى ئاشىدۇ. شۇڭا، ياخشى بولغان ئۇسسۇل ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشتا تەبىئەتكە تايىنىش، تەبىئەتتىن ئىبارەت بۇ زور ماتېرىيال ئامبىرىدىن مەزمۇن ۋە شەكىل ئېلىپ، ئۇنى دەۋر روھى بىلەن سۇغۇرۇش، شۇنداقلا ئۇنى ھازىرقى ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئاساسىدا بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش لازىم.Hy3ئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز