• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • خەلقىمىزدە چورۇق

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        چورۇق ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ئىپتىدائىي چورۇق، يەنە بىرى، ‹‹شىرە چورۇق›› دەپ ئاتالغان سەنئەتلىك چورۇق.87qئاقيول تور بىكىتى

        ئىپتىدائىي چورۇقنىڭ تارىخى تولىمۇ ئۇزاق بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىپتىدائىي دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن. ئەجدادلار كالا – قوتازلارنىڭ گۆشىنى يەپ، تېرىسىنى چۆرىسىنى تېشىپ، تېرە تاسما بىلەن بېكىتىپ پۇتىغا تارتىۋالغان. بۇ، شىرە تارتىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل چورۇق خام تېرىدىن قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ قۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش زۆرۈر. بولمىسا قورۇلۇپ پۇتقا پاتمايدۇ. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز ئەۋلادلارغا ‹‹كۆرگەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما›› دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان.87qئاقيول تور بىكىتى

        ئەجدادلىرىمىز شەھەرلىشىپ، شەھەر – قەلئە مەدەنىيىتى ياراتقان، قول ھۈنەر مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، ئىچكى بازارنى گۈللەندۈرۈپ، تاشقى بازارغا يۈزلەنگەندىن كېيىن، يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان جۇغراپىيىلىك شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، مىلادىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشقان ھەم ئات – تۆگىلىرىدىن پايدىلىنىپ، غەربتىن شەرققە سوزۇلغان 7000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بىخەتەر يۈرۈش ئۈچۈن كالا – قوتاز تېرىلىرىدىن ئىشلەنگەن كۆن – چەملەردە ئەپچىل، يۇمشاق، يەڭگىل، چىداملىق چورۇق ئىشلىگەن. بۇ خىل چورۇق قەدىمىي نام بىلەن ‹‹شىرە چورۇق›› دەپ ئاتالغان. چورۇقنىڭ كالا – قوتاز تېرىسىدىن ئىشلەنگەنلىرىنى نۇسخىسىغا قاراپ ئۇزۇن سەخ، ئارا سەخ، كالتە سەخ دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلگەن؛ ئۆچكە، قوي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن، ياشانغانلار كىيىدىغان چورۇقنى پوستەك؛ يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلار كىيىدىغان چورۇقنى پۇپەش دەپ ئاتىغان.87qئاقيول تور بىكىتى

        چورۇق يەرلىك ئۇسۇلدا كۆن ۋە چەمدىن تىكىلىدۇ. رەڭگى قارا ياكى جىگەر رەڭدە بولىدۇ. ئۇزۇن سەخ چورۇق ئوشۇقنىڭ ئۈستىگىچە ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ. چورۇق يەنە نەپىسلىك دەرىجىسىگە قاراپ سىدام چورۇق ۋە زىغزىقلىق چورۇق، دەپ ئايرىلىدۇ. سىدام چورۇقنىڭ مەشغۇلاتى ئانچە قول تۇتمايدۇ. زىغزىقلىق چورۇقنىڭ مەشغۇلاتى ئىنچىكە، ئۇ ئۇستىلىق، يەنى ھۈنەر تەلەپ قىلىدىغان سەنئەتلىك ئاياغ كىيىم بولۇپ، چورۇقنىڭ دۈمبە ئايلانمىسى، ھەتتا ئارقا چېكىغىچە زىغرىق قويۇلىدۇ. زىغرىقلىرى رەڭلىك بولۇپ، چورۇققا بەكمۇ يارىشىدۇ.87qئاقيول تور بىكىتى

        چورۇقنىڭ ئارقىسىدا پۇتنىڭ ئوشۇقىغا توغرىلاپ چىقىرىلغان بىر تال ئىزمىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا رەڭمۇ رەڭ يىپلاردىن توقۇلغان بوغقۇچ(قۇ) ئۆتكۈزۈلىدۇ. چورۇقنى  كىيگەندىن كېيىن، سىرتىدىن بوغقۇچ يۆگىلىپ، بوغقۇچنىڭ چۇچىسى چىقىرىپ قويۇلىدۇ. بوغقۇچ چورۇقنى بوغۇپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ ۋە ئاياغ كىيىمگە زىننەت، كىيگۈچىگە قامەت بېغىشلايدۇ.87qئاقيول تور بىكىتى

        چورۇق پاشنىسىز، غەيرىي ماتېرىياللاردىن خالىي بولغاچقا، ناھايىتى يېنىك بولىدۇ، كىگىز پايپاق بىلەن كىيىلىدىغان بولغاچقا ئىسسىق بولىدۇ، رىماتىزىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چورۇق ئەر – ئاياللار ئۈچۈن ئورتاق ئاياغ كىيىمى بولسىمۇ، چوڭ ياشلىقلار ۋە ئاياللارغا ئاتاپ تىكىلگىنى ئۆچكە تېرىسىدىن ئالاھىدە سىپتا ۋە نەپىس ئىشلىنىدۇ. بالىلارغا تىكىلگەن پۇپەش تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، رەڭلىك يىپ ياكى تېرە پارچىلىرىدىن پۈپۈك قويۇلىدۇ.87qئاقيول تور بىكىتى

        ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر چورۇقلىرى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە تىكىلىدۇ. لېكىن باشقا يۇرتلارغا نىسبەتەن قاغىلىق تارىختىن بۇيان مەشھۇر قۇرۇقلۇق يولى بولغانلىقى، چەت ئەلدىن شىنجاڭغا كېلىدىغان ياكى شىنجاڭ ئارقىلىق باشقا جايغا بارىدىغان كارۋان ۋە يولۇچىلار قاغىلىقتىن ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن، چورۇق تىكىش قاغىلىقتا بەكرەك راۋاجلانغان.87qئاقيول تور بىكىتى

       ئەگەر شۇ كۈنلەردە چورۇقچىلىق بازارلاشقان بولسا، چەت ئەلنىڭ ساياھەت ئايىغى ئۇيغۇر چورۇقىغا ئورۇن بوشىتىشى شەرتسىز ئىدى.87qئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز