خۇرجۇن - ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىشلىتىش تارىخى ئۇزۇن بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىگىلا خاس بولغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاستىسىدىن بىرىدۇر.
خۇرجۇن ئۇيغۇر خالۋاپچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنى مەخسۇس تەربىيىلەنگەن خالۋاپچى ئۇستىلارلا تۇقۇيالايدىكەن. خۇرجۇن قىزىل، كۆك، يېشىل، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلىك يىپلارنى گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرخىل گۈل نۇسخىلىرى چىقىرىلىپ توقۇلىدىكەن. خۇرجۇن تۈز توقۇلۇپ، ئىككى تەرىپى كەينىگە ياندۇرۇلۇپ، يان تەرىپى تىكىلىپ ئاندىن شەكىلگە كەلتۈرۈلىدىكەن. ئاندىن خۇرجۇننىڭ ئېغىزىغا چىرايلىق گىرۋەك چىقىرىلىپ ئىزما بېكىتىلىدىكەن. ئىزما خۇرجۇندىكى نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش رولىغا ئىگە ئىكەن. خۇرجۇن ئىككى پاي بولۇپ، نەرسە - كېرەك يۆتكەشتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن قاچىلانغان نەرسىلەرنى مەيلى ئادەم دولىسىغا ئارتىپ ماڭسۇن ياكى ئېشەككە ئارتىپ ماڭسۇن، ئوخشاشلا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇ نەرسە - كېرەك قاچىلاپ يۆتكەشتە، بولۇپمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئەپلىك. ئۇنىڭدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىچىگە سېلىنىدىغان نەرسە - كېرەكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ ھەم ئۇنىڭدا نەرسە - كېرەكلەرنى پاكىز ساقلىغىلى بولىدۇ.
ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگەشىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋاستىسى ئورنىدىن ھالقىپ، سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا ساقلانماقتا. خۇرجۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيە ئۆرپ - ئادەت، جۇغراپىيلىك شارائىت قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم تەتقىقات تېمىسى بولالايدۇ.(تامام)