
بۇرغا ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ ، پۈۋلەپ چېلىندىغان چالغۇلار ئىچىدە ئاۋاز كۈيى ئەڭ زور ، ياڭراق بولغاچقا ، قەدىمكى ئۇرۇشلاردا كۆپ قوللىنىلغان . ئۇ دەسلەپتە كالا ۋە ئۆچكە مۈڭگۈزىدىن ياسالغان ، مىس قوراللار دەۋرىدە مىستىنمۇ ياسالغان . ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 — 30 سانتېمىتىر ئۆپچۆرىسىدە ، يېرىم ئەگمە شەكلىدە بولىدۇ . ئۇچلۇق ئۇچىدا بىر دانە پۈۋلەش تۆشۈكى بولۇپ ، يوغان ئۇچى كېسىۋېتىلىپ ، كاناي شەكلىدە ئىچى ئويۇلۇپ ، ياسىلىدۇ ، بارماق تۆشۈكلىرى بولمايدۇ .
بۇرغا ئەسلىدە ئىسقىرتتىن ( بىر خىل كەدىمكى چالغۇ ) كېلىپ چىققان بولۇپ ، تارىخىي خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە ، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىلا ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان .
مىس قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە ، بۇرغا مىستىن ياسىلىپ ، ‹‹ مىس بۇرغا ›› دەپ ئاتالغان . ‹‹ نەغمىنامە ›› نىڭ 125 – جىلدىدا ، ‹‹ مىس بۇرغا ئىدىقۇتلۇقلارنىڭ چالغۇسى ئىدى ›› دەپ خاتىرىلەنگەن .

سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
