قالۇن — قەدىمقى چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ بىرى ،ئۇ ئادەتتە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ ،ئەكس سادا ساندۇقى پەلەمپەي شەكلىدە بولۇپ ،ئالدى تارراق ،كەينى كەڭرەك ،سول تەرىپى ئەگرى ،ئوڭ تەرىپى تۈز بولىدۇ .ئۇ ئاساسەن جاھازىغا ياكى يەرگە تۇز ياتقۇزۇلۇپ ،ئوڭ قولىنىڭ باش كۆرسەتكۈچ ۋە ئوتتۇرا بارماقلىرى بىلەن تارىسىنى ئىلىپ ،سول قولدا باسقۇچ ئارقىلىق تارىسىنى بېسىش ۋە سىيرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چېلىنىدۇ .ئۇنىڭ ئاۋازى يېقىملىق ۋە تىيىلىما ئاھاڭلارغا باي بولۇپ ،بىر خىل پەۋقۇلئاددە تەۋرىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
قالۇننىڭ 16،18 ۋە 24 تارىلىق شەكىللىرى بار ،ھەر بىر تارىسى جۈپ سىم قىلىنىپ ،بىر تەبىئىي ئاھاڭغا تەڭشىلىدۇ ۋە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ تەبىئىي ئاۋاز باسقۇچلىرى رېتى بويىچە تىزىلغان .ئۇ دولان مۇقاملىرىنىڭ مۇھىم تەڭكەش قىلغۇچى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى .
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
