• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئاككوردىيوننىڭ ئۇيغۇر ناخشا–مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشتا تۇتقان ئورنى ۋە رولى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    Hl1ئاقيول تور بىكىتى

       ئاككوردىيون – خەلقئارادا بىر قەدەر ئومۇملاشقان، تارقىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان بارمانچۇقلۇق چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، قۇرۇلمىسىنىڭ ئەپچىللىكى، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ موللۇقى، ئاۋاز تۈسىنىڭ يېقىملىقلىقى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى بىلەن ھەر قايسى ئەل سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.Hl1ئاقيول تور بىكىتى

       يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاككوردىيون دۆلىتىمىزدە جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالتاي، چۆچەك، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا ئومۇملىشىپ، سەھنىلەردىلا ئەمەس، بەلكى توي – تۆكۈن، تۈرلۈك يىغىلىشلار، سەيلە – ساياھەت، مەشرەپ – باراۋەتلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر چالغۇ ئەسۋابىغا ئايلاندى.Hl1ئاقيول تور بىكىتى

       ئاككوردىيون گەرچە ياۋروپا چالغۇسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ موللۇقى، ئاۋاز تۈسىنىڭ يېقىملىقلىقى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى بىلەن، يەككە مۇزىكىلارنى ئورۇندىغىلى، ئوركېستىر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چالغىلى، چوڭ – كىچىك خورلارغا، يالغۇز كىشىلىك ناخشىلارغا، بالىلار ناخشىلىرىغا چېلىشقا ماس كېلىدۇ، ئىجادىيەتچىلەرمۇ مۇزىكا ئىشلەشتە ۋە مۇزىكا ئاككۇرتلاشتۇرۇشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە.Hl1ئاقيول تور بىكىتى

       ئاككوردىيون ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، سەنئەت ئۆمەكلىرىدە، ئاممىۋى مەدەنىيەت سارايلىرىدا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆز رولىنى زور دەرىجىدە نامايان قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى، ئاككوردىيون چەت ئەل ئاھاڭلىرىنى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاھاڭلىرىنى ئورۇنداشتا ئەمەس، ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشتىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغىلى، ئىجادىي ئاھاڭلارنى، ياشلار، بالىلار ناخشىلىرىنى ياخشى چالغىلى بولىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئەت بېغىدىكى بىباھا گۆھەر، سەنئەت گۈلتاجى بولغان ‹‹12 مۇقام››دىن ئارىيە قاتارلىقلارنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.Hl1ئاقيول تور بىكىتى

       دېمەك، ئاككوردىيوندىن ئىبارەت بۇ چالغۇ ئۇيغۇر سەنئىتىدە ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشتا بەلگىلىك ئورۇن تۇتۇپ، مىللىي سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ. مىللىي سەنئىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى جاھان ئەھلىگە نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۆز خاسلىقىمىزنى ساقلىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز، سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاككوردىيوننىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئارقىلىق جاپالىق مەشىق قىلىپ، يۇقىرى ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئاككوردىيوننىڭ ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداش جەھەتتىكى رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەك.Hl1ئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ساز-چالغۇلار