ئۇيغۇر خەلق سەنەملىرى ناخشا،مۇزىكا،ئۇسسۇل بىر گەۋدىلەشكەن كىچىك تىپتىكى مۇزىكا ژانىرلىرىدىن بىرى.ئۇ قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئېگە بولۇپ،ھەر قايسى جايلارنىڭ ئۆزىدە تارقالغان يەرلىك سەنەملىرى بولىدۇ.ھەر بىر سەنەم شۇ جاينىڭ نامى بىلەن «قەشقەر سەنىمى»،«ئىلى سەنىمى»،«يەكەن سەنىمى»دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىچىلىقىمىزنىڭ مۇھىم تەركىپلىرىدىن بىرى ھېساپلانغان «ئۇيغۇر خەلق سەنەملىرى»نىڭ يېقىنقى يىللارغىچە تېخى تولۇق يىغىلغان نۇسخىسى ئېلان قىلىنمىغان.تارقالغان سەنەملەرنىڭ ئومۇمىي سانى قانچىلىك؟ھىچكىممۇ بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلمەي كەلگەن.
شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى خەلقىمىز ئارىسىدىن سەنەم ئۆلچىمىگە توشىدىغان سەنەملەرنى ئىلمىي نۇقتىدىن ئىسپاتلاپ،ھازىرغىچە توپلانغان سەنەملەردىن 25 نى تاللاپ پىلاستىنكا قىلىپ ئىشلەپ چىقاردى.
مەزكۈر پىلاستىنكا جەمئى 4 لېنتا،25 سەنەمدىن تەركىپ تاپقان.سەنەملەرنى ئۆلچەملىك ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەر بىر سەنەمنىڭ تېكىسلىرى قوشۇپ بېرىلگەن.ناخشىچىلار،مۇزىكىچىلار،ھوزۇرلانغۇچىلار،ساقلىغۇچىلار،تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن مۇھىم ماتىريال ھېساپلىنىدۇ.
لېنتىنىڭ باھاسى ئەرزان .ئىچكى باھادا 50 يۈئەن. سانى چەكلىك.قىزىققۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا ئېلىۋېلىشىنى سورايمىز.
ئالاقىلىشىش تېلفونى:13899855005
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
