• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بالىمان

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ObVئاقيول تور بىكىتى

        بالىمان تۈز تۇتۇپ، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ، پۈۋلەيدىغان ئۇچى ياپىلاقلىنىپ، توغرىسىغا ياغاچ قىستۇرۇلىدۇ. ئۈستىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر بولىدۇ ۋە نەيگە ئوخشاش بارماقلار بىلەن بېسىپ چېلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 28 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسى ئوتتۇرا ئاۋازغا مايىلراق بولۇپ، قۇمۇشنىڭ تىترىشىدىن پەيدا بولىدىغان ئاجايىپ يېقىملىق بىر خىل تۈسكە ئىگە. ئۇ خوتەن رايونىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ھازىرقى بالىمان سەككىز تۆشۈكلۈك بولۇپ، ئاۋاز دائىرىسى C1 ئاھاڭدىن C2 ئاھاڭغىچە بولىدۇ. بارماق بېسىش قائىدىسى نەي بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.ObVئاقيول تور بىكىتى

        بالىمان ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ‹‹ قالۇنلار قامۇسى ›› دا ‹‹ بىلى ›› دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹ پىپى ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ObVئاقيول تور بىكىتى

        شىنجاڭدىكى مىڭئۆي رەسىملىرىدە مەيلى خەن، جىن سۇلالىسى ياكى جەنۇبىي – شىمالىي سۇلالىلەردىن تاكى سۈي سۇلالىسىغىچە بولغان دەۋرلەردە بولسۇن، ھەممىسىدە بالىمان ھەققىدە ئېنىق تەسۋىرلەر بار. ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن بالىمانلار ئاساسەن يەتتە تۆشۈكلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپان مىڭئۆيلىرىدە يەنە قوش بالىمان ( بىر – بىرىگە چېتىلىدىغان ) چېلىۋاتقان سازەندە رەسىمىمۇ ساقلانغان.(تامام)ObVئاقيول تور بىكىتى

    ObVئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ساز-چالغۇلار