خۇرۇچلىرى: كالا گۆشىدىن 2 كىلوگىرام، جىياڭيۇدىن 400گىرام، شاكال بەدىياندىن 10 گىرام، قوۋزاقدارچىندىن 10 گىرام، توغرالغان سۇڭپىيازدىن 20گىرام، زەنجىۋېلدىن 20گىرام، ئاق شىكەردىن 60گىرام، سۇ مېيىدىن 150گىرام،بەرەڭگەدىن 2 باش،قىزىل مۇچتىن بىر باش.
ئېتىش ئۇسۇلى: كالا گۆشىنى چاسا توغراپ، مايدا سارغايتىمىز. ئاندىن سۇدا كۈچلۈك ئوت بىلەن پىشۇرۇپ سۈزۈۋالىمىز. بەرەڭگىنى سۇدا چالا پىشۇرۋالىمىز ياكى مايدا داغلىساقمۇ بولىدۇ.
پىشقان كالا گۆشى، سۇڭپىياز، بەرڭگە، شاكال بەدىيان،قىزىل مۇچ، جىياڭيۇ، ئاق شىكەر، زەنجىۋېل،قوۋزاقدارچىنلارنى تەڭلا سۇغا سېلىپ، سۇس ئوتتا دۇملەپ، بەرەڭگە يۇمشاق پىشقۇچە قاينىتىپ تەييارلايمىز.