خۇرۇچلىرى: مايسىز لوق قوي گۆشىدىن 150 گرام، تۇخۇمدىن ئىككى دانە، كۈنجۈت مېيىدىن 15 گرام، خاسىڭ مېيىدىن 500 گرام، سېرىق ھاراقتىن 50 گرام، جياڭيۇدىن 25 گرام، ئاچچىقسۇدىن 15 گرام، تېتىتقۇدىن ئىككى گرام، كراخمالدىن 40 گرام، توغرالغان غولپىياز قەلەمچىسىدىن 15 گرام، ئۇششاق توغرالغان زەنجىۋىلدىن بەش گرام، سامساقتىن 10 گرام، تۇز، شورپىدىن مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن قوي گۆشىنى يالپاقداپ توغراپ تۇخۇمنىڭ ئېقى ۋە نەم كراخمال بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالىمىز. ئاندىن تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ قوچۇپ جياڭيۇ، سېرىق ھاراق، ئاچچىقسۇ، تۇز، تېتىتقۇ، سۇيۇق كراخمال، قەلەمچە قىلىپ توغرالغان غولپىياز، ئۇششاق توغرالغان زەنجىۋىل، سامساق، شورپىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيام تەييارلىۋېلىپ، توغرالغان گۆشنى خاسىڭ مېيىدا پىشۇرۇپ سۈزۈۋالىمىز. ئاخىرىدا ماي يۇقى قازاندا تۇخۇمنى قورۇپ، گۆشنى سېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان قىيامنى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت مېيى سېپىپ تەخسىگە ئالىمىز.