
خۇرۇچلىرى : ئاق ئۇن بىر كىلوگىرام ، مايلىق سىمىز گۆش 400گىرام ، تۇخۇم 2 دانە، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، ئاقمۇچ ،قارامۇچ ، سامساق، پىياز، زەنجىۋېل، ئاش كۆكى ( قۇرتۇلغان بولسىمۇ بولىدۇ) ، بىر پىيالە پۇشۇرۋېلىنغان نۇقۇت، چامغۇر، بىر تال سەۋزە ، بىردىن ئىككىگىچە قىزىرىپ پىشقان شوخلا.
ئېتىش ئۇسۇلى : ئۇنغا ئىككى دانە تۇخۇمنى چېقىپ ،تۇزىنى تەڭشەپ، لەغمەن خېمىرىدىن سەل چىڭراق خېمىر يۇغۇرىۋالىمىز ، ئاندىن قەغەزدەك نېپىز يېيىپ ئۈچ سانتا مېتىر كەڭلىكتە كېسىپ ئەمبەلگە بىر - بىردىن ئايرىپ يېيىتىپ قويىمىز ،
قازانغا سۇ قۇيۇپ گۆشنى كىچىك قاقتەك توغراپ، پىياز، قارمۇچ بىلەن مىجىپ ئارىلاشتۇرۇپ قازانغا سېلىپ قاينىغاندىن كىيىن، شوخلا چامغۇر سەۋزىلەرنى سالىمىز
قازان قاينىغاندىن كېيىن كېسىۋېلىنغان قەغەزدەك نېپىز چۆپلەرنى 5 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا يىرتىپ، قازانغا تاشلايمىز .
چۆپنى تاشلاپ بولغاندىن كېيىن ئالدىن پۇشۇرۇۋېلىنغان نوقۇتنى ۋە كېپەكتەك چانالغان زەنجىۋىلنى سېلىپ 3 - 4 مىنۇت قاينىتىپ، ئۈستىگە سامساق، ئاش كۆكى سېلىپ، ئىستىمال قىلىمىز.
بۇ ئاش ئىنتايىن مېززىلىك، سىڭىشلىك ھەم قۇۋۋەتلىك بولۇپ، ئۇزۇن سەپەردىن كەلگەنلەرگە، بىر كۈن ئىشلەپ چارچىغانلارغا ھاردۇق ئېشى بولىدۇ، ئاغرىقلار، ياشانغانلار، كىچىك بالىلار ۋە ئاشقازىنى ئاغرىقلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ.
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
خولۇپ ئاشنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى
قۇرغاق قورۇلغان كالا گۆشى قەلەمچىسى
كالا گۆشى بەرەڭگە قورۇمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى
كاۋا مانتىسىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى
بۇغداي ئۇنىدا تەييارلانغان لەمپۇڭنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى
ئۇيغۇر تائاملىرىدىن گۆش ناننى ئېتىش ئۇسۇلى
ئۇيغۇر تائاملىرى شاھى – پولو
قوينىڭ قوۋۇرغا كاۋىپىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى
ساپال قاچىدا دۈملەنگەن بۆدۈنە شورپىسى
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
