ماتېرىيالى: ياش غاز، تۇز، ئاقمۇچ، غولپىياز، سېرىق ھاراق، دارچىن، لاچىندانە، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، ھەسەل قاتارلىقلار ئېھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا .
پىشۇرۇش ئۇسۇلى:
غازنى پاكىز تازىلاپ، يۇيۇپ، ئىچ–قارنىنى،بېشىنى، پۇتىنى ئېلىۋېتىپ ،قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ ئۈچ مىنۇت قاينىتىپ، غەيرىي پۇراقلىرىنى چىقىرىۋېتىپ سۈزۈۋالىمىز.ئاندىن قازاننىڭ سۈيىنى يەڭگۈشلەپ، يۇقىرىقى دورا–دەرمەكلەرنى سېلىپ غاز گۆشىنى سېلىپ قاينىتىپ، ئوتىنى سۇسلىتىپ دۈملەپ، سەككىز ئۈلۈش پىشقاندا سۈزۈۋېلىپ سۇسىزلاندۇرىمىز.
سۇسىزلاندۇرۇلغان غاز گۆشىنىڭ سىرتىغا 20پىرسەنتلىك ھەسەل سۈيى سۈركەپ ، دۈمبىسىدىن يېرىپ تەڭ ئىككى پارچە قىلىپ ،ماي سۈرتۈلگەن لېسقا سېلىپ، 200گرادۇسلۇق قىزىق دۇخوپكىدا گۆشنىڭ يۈزى سىڭىشىپ، قىزىرىپ پىشقۇچە قاقلاپ، پىشقاندا تاۋاقلارغا ئېلىپ تۇز، ئاقمۇچ، زىرە، مۇچ سوقۇلمىلىرىنى سېپىپ ئېلىپ چىقىمىز.
ئالاھىدىلىكى: رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر، پوستى چۈرۈك، دورا–دەرمەكلەرنىڭ خۇشبۇي پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ يېيىشلىك بولىدۇ