ماتېرىيالى: پاكىز تازىلانغان كەكلىك گۆشى، ئەركەك قوينىڭ يىلىكى، نوقۇت، ئالقات، تۇز، ئاقمۇچ، زەنجىۋىل، لاچىندانە، غولپىياز قاتارلىقلار ئېھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى:
پاكىز تازىلانغان كەكلىك گۆشىنى تۆت پارچىگە بۆلۈپ قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ قاينىتىپ سۈزۈۋالىمىز.
قوينىڭ يىلىكىنى چېقىپ چوڭراق قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە كەكلىك گۆشى، نوقۇت، غولپىياز، زەنجىۋىل ۋە لاچىندانىنى سېلىپ سۇ قۇيۇپ تولدۇرۇپ، قاسقانغا سېلىپ كەكلىك گۆشى يۇمشاق پىشقۇچە دۈملەيمىز.
كەكلىك گۆشى يۇمشاق پىشقاندا، يىلىك، غولپىياز، زەنجىۋىللەرنى ئېلىپ تاشلاپ، ئالقات، ئاقمۇچ، تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ئېلىپ چىقىمىز.
ئالاھىدىلىكى: كەكلىك گۆشى شورپىسى تەبىئىي سۈزۈك قۇۋۋەتلىك بولۇپ، تەمى ئۆتكۈر، تېتىشلىق، ئورۇق، ئاجىز، سوغۇقچان، كەم ماغدۇر كىشىلەر ئۈچۈن قۇۋۋەت بولىدۇ.