
پولو _ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىتائاملىرىدىن بىرى بولۇپ ، تەبىئىتى ئىسسىق ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، تائاملارتۈرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تائاملار شاھىدۇر . پولونىڭتۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، 70 خىلدىن ئاشىدۇ .
پولو ئادەتتە «داش قازان پولۇرى» ۋە «ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان پولو» دەپ ئايرىلىدۇ.
ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان پولو- گۆشلۈك پولو، بەتتە پولو، ئەنجان پولوسى دەپ چوڭ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئائىلىلەردە ئاساسەن گۆشلۈك پولو بىر قەدەر ئومۇمىلاشقان بولۇپ، شارائىت ۋە ئېھتىياجغا قاراپ توخو گۆشى، ئۆردەك گۆشى، باچكا گۆشى، پېتىر مانتا، گۆشلۈك قورۇما قاتارلىقلارنى بېسىپ ئەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل پولولار ئايرىم - ئايرىم ھالدا «بەتتە پولو (قورۇما بىلەن ئەتسە)» ، «ئاش مانتا (پېتىر مانتا بېسىلسا)» ، «توخۇ، ئۆردەك، باچكا پولوسى...» دېيىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەردە يۇقۇرىقىدەك گۆشلۈك ۋە گۆشسىز پولولارغا ھەر خىل قوشۇمچىلارنى (بېھى، كىشمىش، ئۈرۈك قېقى، چامغۇر، ياڭيۇ، پالەك، تۇخۇم، قىزىلمۇچ، ئاق نان قاتارلىقلار) خالىغانچە سېلىپ ئېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پولونى دۈملەشتىن بۇرۇن، يېسىۋېلەك (بەسەي)، پىدىگەن (چەيزە)، كۈدە (جۈسەي) قاتارلىق كۆكتاتلارنى بىللە دۈملەپ ئاش پىشقاندا ئايرىپ ئېلىپ سوۋۇتۇپ، زىرە - قارامۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى، ئاچچىقسۇ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ھەر خىل سوغۇق سەيلەرنى ياسىسىمۇ بولىدۇ.
ئالدى بىلەن 2 چىنە گۈرۈچنى (كىچىكرەك چىنە ئۆلچەم قىلىنىدۇ ) پاكىز يۇيۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز ، تەخمىنەن 2 كىلوگىرام سەۋزىنى ئادالاپ تەكشى قەلەم قىلىمىز ، پىيازنى يالپاق ، گۆشنى چوڭ چوڭتوغرايمىز .
قازانغا 250 گىرام ئەتراپىدا ماي قۇيۇپچۈچىگەندە ئوبدان داغلاپ ، ( چوڭراق قوشۇقتا بىر قوشۇق قوي ماي ئارلاشتۇرساق تېخىمۇياخشى ) گۆشنى سالىمىز ، گۆش قىزارغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇپ، ( مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ ) توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز ،سۈيى پۈتۈنلەيتۈگىگەندە ئازراق پەمىدۇر قىيامى سېلىپ ( پەمىدۇر سالساقمۇ بولىدۇ ) ئارلاشتۇرىۋېتىپ سۇ قۇيۇپ ، ( ئادەتتە بىر چىنە گۈرۈچكە بىر يېرىم چىنە سۇ ئۆلچەمقىلىنىدۇ ، گۈرۈچنىڭ سۇ ئىچىش ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشىلىدۇ ) ئوت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپسۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز ، ئاندىن تۇزىنى تەڭشەپ ( تۇزى سەل ئۆتۈپرەك كەلسە ياخشى ) قازاننىڭ قاينىشىنى توختۇتۇپ تۇرۇپ ( سەۋزە ئاستىغا چۆككەندە ) گۈرۈچنى يەڭگىلسالىمىز ، ئوتنى كۈچەيتىپ قازاننى تەكشى قاينىتىپ ، سۈيى تۈگەشكە ئاز قالغاندا ، كاپكىرنى سەۋزىگە يەتكۈزمەي سېلىپ گۈرۈچنى بىر قېتىم ئۆرۈپ ، ئوتتۇراھال ئوتتا 2-3 مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندە ئاشنى قازاننىڭ ئوتتۇرىسىغىراقيىغىپ كويزا سانچىيمىز ،ئۈستىگە سوققان زېرە سېپىپ ، گۆش، بېھې ، كىشمىش قاتارلىقلارنى سېلىپ ( قوشۇمچە نەرسىلەرشارائىتقا، ئىھتىياجغا ئاساسەن سېلىنسا بولىدۇ ) دۇملەيمىز ، 10 مىنۇتتىن كىيىنئوت كۈچىنى تېخىمۇ تۆۋەن ھالەتكە ئەكىلىپ يەنە 20 مىنۇت دەم يىگۈزگەندىن كىيىنئاچساق ئاش كۆيۈپ كەتمەي ياخشى پىشىدۇ ، پىشقان پولونى گۆشنى ئېلىۋېتىپ تۇرۇپياخشى ئارلاشتۇرۇپ تەخسىلەرگە ئۇسساق بولىدۇ .
ئالاھىدىلىكى: پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۇۋۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنىرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ.
ئەسكەرتىش : ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ھەرخىل سوغۇق سەيلەرنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك .
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
خولۇپ ئاشنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى
قۇرغاق قورۇلغان كالا گۆشى قەلەمچىسى
كالا گۆشى بەرەڭگە قورۇمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى
كاۋا مانتىسىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى
بۇغداي ئۇنىدا تەييارلانغان لەمپۇڭنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى
ئۇيغۇر تائاملىرىدىن گۆش ناننى ئېتىش ئۇسۇلى
ئۇيغۇر تائاملىرى شاھى – پولو
قوينىڭ قوۋۇرغا كاۋىپىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى
ساپال قاچىدا دۈملەنگەن بۆدۈنە شورپىسى
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
