بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى
ئابدۇۋايىت ئابلىز
1
بىر نەرسە بار بەك كىچىك،
خۇددى تىرناق ئۇچىدەك.
ئىشچانلىقتا نامى بار،
توپ-توپ ياشار غۇچچىدە.
پۇراق بىلەن يول تاپار،
خۇددى ئۇستا ئوۋچىدەك.
2
بەكمۇ ئۇششاق يېپىشقان،
شامال،سۇدا يۆتكىلەر.
يامغۇر ياغسا ئۈستىگە،
بىردەمدىلا سىڭدۈرەر.
ئۇنسىز پۈتمەس بىتون تام،
جاۋابىنى كىم بىلەر؟!
3
باھاردا ئۇ كۆكىرەر،
رولى ھاۋا تازىلاش.
قىشتا تاشلاپ يوپۇرماق،
بولۇپ قالار تاقىرباش.
تاپالايدۇ جاۋابنى،
ئەڭ ئەقىللىق بىر ئاداش.
4
تولۇن ئايدەك يۇمىلاق،
پىشار ئوتتا قاقلىنىپ.
كۈنجۈت،پىياز،سىيادان،
تۇرار ئاڭا چاپلىنىپ.
ھەممىگە خاس يىمەكلىك،
تېپىپ بېقىڭ ئويلىنىپ!
5
مەيلى ئاچقىن ئىشىكنى،
ياكى كۆرگىن تېلۋوزۇر.
مەيلى سالغىن ئىمارەت،
ياكى ئولتۇر بەھوزۇر.
ئۇ بولغاچقا ئولتۇرۇپ،
قىلالايمىز مەشغۇلات.
بەرگەن ھەرخىل بۇيرۇقلار،
ئىجرا بولار شۇ زامات.
بولساڭ ئەگەر ئەقىللىق،
جاۋابىنى تېپىپ باق.
6
قوياش چىقسا شەرىقتىن،
ئۇ قارايدۇ شەرىققە.
ئەگىشىپ ئۇ قوياشقا
كەچتە قارار غەرىبكە.
چېچەكلىرى ساپسېرىق،
يۈزى ئۇنىڭ توقاچ نان.
پەرۋىش قىلساڭ قانچىلىك
بېرەر ساڭا شۇنچە دان.
تېپىڭ شۇڭا دوستلىرىم،
تېپىشماقتا كىم يامان.
7
ھەمراھ ساڭا ھەر كېچە،
قوغدايدۇ ئۇ سوغۇقتىن.
زوكامدايسەن تۇيۇقسىز،
نېپىز سالغان يوپۇقتىن.
جاۋابىنى ئىزدەپ باق،
ئۆيۈڭدىكى ئۇيۇقتىن.
8
تۆت پەسىلدە ۋىچىرلاپ،
ئۇچۇپ يۈرەر يېنىڭدا.
قۇرۇت تېرىپ يۈرىدۇ،
سەھرادىكى ئېڭىزدا،
پايدىسى بار زىيانسىز،
كۆيۈپ يۈرەر ئوتۇڭدا.
9
سەھەردىن تا كەچكۈچە،
گۈلدىن شىرنە يىغىدۇ.
ھاردىم دېمەي كەچلىكى،
بىر ساندۇققا قونىدۇ.
ئەقىللىق دوست جاۋاپنى،
تېزدىن ئويلاپ تاپىدۇ.
10
كېچە بولدى يوپيورۇق،
ھەركەتلەنمەس تۆمۈرمۇ.
ئۇ بولمىسا يېنڭدا،
تولۇق كۆيمەس كۆمۈرمۇ.
ئايلاندى ئۇ تۇرمۇشنىڭ،
بەكمۇ مۇھىم قىسمىغا.
پەيدا قىلىپ سۇ،شامال،
ئاسان بولدى ھەر ئىشقا.
ئۇرنۇپ بېقىڭ كىچىك دوست،
جاۋابنى تېز تېپىشقا.
11
مېنىڭ بىلەن قېرىداش،
ئايرىلمايمىز ئوقۇشتا.
ئۇ بولغاچقا خەتلەرنى،
قىينالمايمىز يېزىشتا.
ئەقىللىق دوست جاۋابنى،
قىينالمايدۇ تېپىشتا.
12
يىلتىزىدىن سۇ ئىچىپ،
چىقىرىدۇ ساپ ھاۋا.
ئۇلار بولغاچ پەسىيەر،
چىققان شامال ھەم بوران.
ئەي ئەقىللىق ئوماق دوست ،
جاۋابنى تېز ئويلان.
13
باھار كېلىپ كۆكەرسە،
يەپ كېتىمىز ئازىلاپ.
بىزدىن تالىشىپ قوي،كالا،
يەپ تويمايدۇ ئاي-ئايلاپ.
جاۋابىنى ئوماق دوست،
تېپىپ باققىن تېز ئويلاپ.
14
ھەر كۈن ئۈچ ۋاق ئېڭىشەر،
ئانا كۈلۈپ بالىغا.
بېرەر ئېسل چاي-قىمىز،
قىززىق ساقلاپ قارنىدا.
لېكىن ھېچكىم ئېچىنماس،
ئۇنىڭ ئاشۇ ھالىغا.
ئالىي جاناپ بۇ بۇيۇم،
يەتتى كىمنىڭ يادىغا؟
15
بىلەلمەيسەن سانىنى،
ئۇ بولغاچقا سەن گۈزەل.
قارا-ئاققا ئۆزگىرەر،
تۆكۈلگەنچە كۆپ بەدەل.
جاۋابىنى كۈتىمەن،
توغرا تاپقانغا قەدەر.
16
باشتىن ئاياغ ئاقىدۇ،
ئوزۇق توشۇپ بەدەندە.
يارلانساق بىز ئەگەردە،
ئاقار قىزىل بوپ يەردە.
ئەقىللىق دوست جاۋابنى،
تاپالايدۇ شۇ دەمدە.
17
ھەپتىمۇ بار،كۈنمۇ بار،
ئايمۇ بار ھەم يىلمۇ بار.
بويسۇنمىساق ئۇنىڭغا،
كۈنىمىز ئۆتەر بەكمۇ خار.
جاۋابىنى تاپقانغا ،
بەخىت-ئامەت دائىم يار.
18
ئېغزى بار،گېپى يوق،
ئىش قىلىشقا ئېپى يوق.
تۇرار تامدا ئېسىقلىق،
ھېچ نەرسىدىن غېمى يوق.
جاۋابىنى تاپساڭ گەر،
سەندىن نوچى بىرى يوق.
19
بىر چاشقان بار ئۆيۈڭدە،
قوغلىمايسەن پەقەتلا.
ئۇ بولمىسا مەشغۇلات،
قىلالمايسەن قەۋەتلا.
تېپىپ بېقىڭ جاۋابى،
ئوماق،كىچىك ھەۋەسكار.
20
ئەگرى تۇمشۇق،ئۆتكۈر كۆز،
پەلەك ئۇنىڭ ماكانى.
قاماللىغان ئوۋجىنىڭ،
ئاخىرلىشار ھاياتى.
ئېيتىپ بېقىڭ نېمە دۇر،
تېپىشماقنىڭ جاۋابى؟
21
بەكمۇ ئامراق ھەسەلگە،
ئۆزى بەكمۇ كېلەڭسىز.
قورقايسىز ئۇنىڭدىن،
بولسىڭىز گەر يۈرەكسىز.
گەر ئەقىللىق بولسىڭىز،
جاۋابىنى تاپىسىز.
22
سەن توختايسەن قىزىلدا،
مەن ماڭىمەن يېشىلدا.
چوڭلار دەيدۇ ئەزەلدىن،
ئاگاھ بولغىن سېرىقتا.
ئەقىللىق دوست جاۋابنى،
تاپار مۇشۇ ۋاقىتتا.
23
سىرتى قاتتىق بىر قەۋەت،
ئىچى ئىككى خىل سۇيۇقلۇق.
ئارلاشمايدۇ ھەرگىزمۇ،
ئۇلار شۇنداق تۇرۇقلۇق.
تاپالايسىز جاۋابنى،
بولسىڭىز گەر ئەقىللىق.
24
بىر ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە،
لەپىلدەيدۇ بىر بايراق.
ئوتتۇز ئىككى ئەسكەرلەر،
قوغدار ئۇنى ھەر ۋاق.
تاپالىغان جاۋابنى،
ئارىمىزدا ئەڭ ئوماق.
25
ھەر قېتىمدا سائەتلەپ ،
جەڭ قىلىمىز ئولتۇرۇپ.
ئاپئاق يەرنى بويايمىز،
قارا-كۆكتە تولدۇرۇپ.
جاۋابىنى تاپىدۇ،
ئەقىللىق دوست ئويلىنىپ.
26
ئىچى بىلىم دۇنياسى،
ئۆزى كىچىك بەك ئېغىر.
مۈرىمىزنى بەزىدە،
قىپ قويىدۇ ئۇ يېغىر.
جاۋابىنى ئېيتىپ باق،
ئاڭلاپ باقاي بىرمۇ-بىر.
27
قىشتا ھەمراھ يازدا يوق،
ئىللىتىدۇ ئۆيۈڭنى.
كەلسەڭ ئەگەر يېنىغا،
ئېپ قاچىسەن ئۆزۈڭنى.
بولساڭ ئەگەر ئەقىللىق،
تېپىپ باققىن جاۋابنى.
ئەسكەرتىش : بۇ بالىلار تېپىشماقلىرىم تارىم غۇنچىلىر ژورنىلىنىڭ 2015-يىلى6-ئايلىق سانىدا ئىلان قىلىنغان.
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
http://bbs.misranim.com/thread-142892-1-1.html