ئىززەتگۈل ساتتار (تولۇنئاي)
يۈرەكلەردە كۈلكە، شادلىق جۇش ئۇرۇپ،
يەنە كەلدى، بۇ مۇبارەك قۇت بايرام.
قېرىنداشنىڭ تەشنالىقى قانغايمۇ،
سىرداش بولۇپ دىدارلاشسا ئەل-ئاۋام.
باغلاردىكى قىزىل، سېرىق گۈللەردەك،
تۆرىدىكى ئاتا-ئانا قۇچىقى.
پۇراقلار خۇش، قازانلار ھەم قاينايدۇ،
كۆيۈپ خەلق مۇھەببەتلىك ئوچىقى.
ھېيتلىق سوراپ ئەركىلەيدۇ بالىلار،
نامايەندە مۇشۇ تۇرمۇش شادلىقى.
يۈرەك پارەم دەپ سۆيىدۇ، تويمايدۇ،
سۈزۈك ئالەم، ناۋات بەخت تاتلىقى.
قۇشلارغىمۇ مۇبارەك ھېيت دوست دەيمىز،
دۈشمەنگىمۇ سالام بېرىپ يارىشىپ.
ئاداۋەتنى ئۇنتۇش ئۇنىڭ خىسلىتى،
سۆيگۈ گۈلى ئۇرۇقىنى تېرىشىپ.
دۇئا قىلىپ كەتكەنلەرنىڭ روھىغا،
ياخشى تىلەك، ياخشى سۆزدە ئەسلەيمىز.
قالغانلارغا ئامانلىق بەر ئاللاھ دەپ،
ئاي، يۇلتۇزدەك ئۈنسىز دۇئا تىلەيمىز.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>