ئابدۇقەييۇم تۇرادىن مەجنۇن
ئېھتىمال سېنى دەپ تۇغۇلغاندىمەن،
ۋە ياكى سېنى دەپ كەلدىم مەن ئەركەم.
تاپقىنىم-تەرگىنىم روزىغارىمدا
يوق مېنىڭ سېنىڭدىن ئۆزگە ھېچنەرسەم.
پۇتۇمغا پۇت بولدۇڭ، قوللىرىمغا قول،
باياۋان-چۆللەردىن تەرمەچلەر تەرسەم.
كۆزۈمگە نۇر بولدۇڭ، ماڭغىنىمدا يول،
يوق مېنىڭ سېنىڭدىن ئۆزگە ھېچنەرسەم.
ئەڭ سادىق پاسىبان، مەدەتكارىمسەن،
بەيگىلىك پەيتلەردە كۆكرەكلەر كەرسەم.
ھاياتىم، بارىمغا نىجاتكارىمسەن،
يوق مېنىڭ سېنىڭدىن ئۆزگە ھېچنەرسەم.
پانىيدىن باقىيغا ئېپكىتەرىم يوق،
ئارمانسىز كېتەرمەن سەن بىلەن كەتسەم.
تەڭ قېرىش، تەڭ ئۆلۈش مەن ئىزدىگەن زوق،
يوق مېنىڭ سېنىڭدىن ئۆزگە ھېچنەرسەم.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ
قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ
