• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-14
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    Qebئاقيول تور بىكىتى
     Qebئاقيول تور بىكىتى

    Qebئاقيول تور بىكىتى
    Qebئاقيول تور بىكىتى
    خەلقىمىز ئەلمىساقتىن قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، تەربىيە ۋە ئەخلاقنى قىز-ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكى دەپ قارىغان، ئەمما خۇراپاتلىق، ئاڭسىزلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغان قىسمەن كىشىلەر بۇزۇقچىلىققا، جۈملىدىن ئېغىر گۇناھقا ئىتتىرىلگەنلىك دەپ قاراپ، بۈگۈنكى ئەۋزەل شارائىتتىمۇ قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىشىگە يەنىلا سەل قاراۋاتىدۇ. بىلسەك، ئاياللار ئائىلىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئالىي مەلۇماتلىق ئەربابلارمۇ، داڭلىق شەخسلەرمۇ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولىدۇ، تويدىن كېيىن ئايالىنىڭ كۆيۈنىشى ياردىمىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەر قازىنىدۇ.Qebئاقيول تور بىكىتى
    يەنە قارايدىغان بولساق، بىلىم، ئەخلاق بىلەن قوراللانغان ئاياللار تەبئىي ھالدا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئېرى، پەرزەنتلىرىمۇ پەخىرلىنىدۇ. ئەكسىچە تەربىيە ئالالمىغان ئاياللارچۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىشقىمۇ بولمايدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ-دە، «تەربىيە كۆرمىگەن» دېگەن نامغا قويىدۇ. Qebئاقيول تور بىكىتى
    كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئاڭسىز-تەربىيەسىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن قىز-ئاياللارنى ئاڭلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيلەش ھەمدە شۇ تەربىيەنى پەرزەنتلىرىگە بېرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈش لازىم. بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى ھېسابلىنىدىغان ئاياللىرىمىزنى ئىلىم ۋە تەربىيەدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ياكى ئېتىبار بەرمەسلىك يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىنى ئەما ۋە جاھىل بىر شوپۇرغا ھەيدەتكەن بىلەن باراۋەر. دېمەك، قىز-ئاياللىرىمىز ئۈچۈن بىلىملىك، تەربىيەلىك بولۇش ناھايىتى مۇھىم ۋە تەخىرسىز.Qebئاقيول تور بىكىتى
    شۇڭا ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنىڭ بىلملىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، ئائىلىسىنى، پەرزەنتىنى سۆيىدىغان، ئاڭلىق بولۇشى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈشى، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى لازىم. قىز-ئاياللارمۇ ھۆسۈن-جامالى، كىيىم-كېچىكى، ئالتۇن جابدۇقلىرىنىڭ ئۆزىگە زىننەت بولماستىن، بەلكى ئالغان تەربىيەسى بىلەن بىلىمىنىڭ ھەققىي زىننەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.Qebئاقيول تور بىكىتى
    Qebئاقيول تور بىكىتى
    Qebئاقيول تور بىكىتى
                                                                                                                         ــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىQebئاقيول تور بىكىتى

    Qebئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ھىكايىلەر
    • كونا ئورۇندۇق(ھېكايە)
    • كونا ئورۇندۇق(ھېكايە)
    • كونا ئورۇندۇق(رۇستەم بەكرى)-رۇستەم، ئاداش، مەن سەل كەچىرەك قالىدىغان ئوخشايمەن. بۈگۈن يۇرتتىكى بالىلار نەچچىسى ساياھەت قىلىپ ئويناپ كېلىپ قاپتۇ، شۇڭا شۇلار بىلەن بىرگە بولۇپ قالدىم. سەنمۇ ھازىرلا مۇشۇ يەرگىلا كېلە ئا