بۇرۇنقى زاماندا بىر قىز ئۆز چىرايىنىڭ كۆرۈمسىزلىكىدىن كۆڭلى يېرىم ئىكەن، ئەينەككە قارىغانسىرى كۆڭلى غەش بولىدىكەن، ھەتتا دوسىتلىرى بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈشتىن، باشقىلارغا كۆرۈنۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تالاغىمۇ چىقمايدىكەن، ئاتا–ئانىسى ئىشقا بۇيرىسا ئۇنىمايدىكەن ۋە ئۆز ھوجرىسغا قامىلىپ ھەسرەت چېكىپ ئولتۇرىدىكەن، بىر كۈنى ئۇ :
-جېىنىم ئانا، ئۆزىڭىز شۇنداق چىرايلىق تۇرۇقلۇق، مېنى نىمىشقىمۇ بۇنداق كۆرۈمسىز تۇغۇپ قويغان بولغىيتىڭىز؟- دېگىنىچە يىغلاپ كېتىپتۇ .
- يىغلىماڭ قىزىم، چىرايلىق بولۇشنىڭ ئامالى بار! - دەپتۇ ئانىسى ۋە ئۇنى يېتىلەپ ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئېلىپ چىقىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا يىراقتىكى تاغنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، - قاراڭ قىزىم، ئاۋۇ تاغنىڭ كەينىدە «گۈزەللىك بۇلىقى » دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاق بار، سىز ئاشۇ يەرگە بېرىپ، شۇ بۇلاقنىڭ سۈيىدە يۈز – كۆزلىرىڭىزنى يۇيۇپ كەلسىڭىز ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ كىتىسىز !
قىز تاڭ سەھەردىلا يولغا چىقىپ گاھ ئىتتىك مېڭىپ، گاھى يۇگۈرۈپ، چۈش بولغاندا تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپتۇ ۋە ئۇ يەردىكى چوڭ بۇلاقنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ يۈز – كۆزلىرىنى يۇيۇپتۇ، ئاندىن قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ، كۈننىڭ ئولتۇرىشى بىلەن تەڭ ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ، ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ئەينەككە قارىغاندىن كېيىن ئانىسىغا شۇنداق دەپتۇ :
- ئانا يەنە بۇرۇنقىدەكلا تۇرىمەنغۇ ؟ چىرايلىق بولماپتىمەنغۇ ؟ مىنى ئالدىدىڭىزمۇ يا ؟
- ياق، سىزنى ئالدىغىنىم يوق – دەپتۇ ئانىسى كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇ بۇلاقنىڭ سۈيىدە يۈز – كۆزلىرڭىزنى بىر قېتىم يۇيۇپلا چىرايىلىق بولماپتىمەن دېسڭىز بولمايدۇ، ھەر كۈنى شۇ بولاق بويىغا بىر قېتىم بېرىشقا، ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ تاكى چىرايلىق بولغىچە يۈز – كۆزلىرىڭىزنى يۇيۇپ كېلىشكە جۈرئىتىڭىز بارمۇ قىزىم ؟
شۇنىڭدىن كىيىن قىز ھەر كۈنى دېگۈدەك تاغنىڭ كەينىدىكى بۇلاق بويىغا بېرىپ كېلىشكە باشلاپتۇ، دەسلەپكى كۈنلەردە، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ھېرىپ – چارچاپ پۇتلىرى قاپىرىپ كىتىپتۇ، ئەمما چىرايلىق بولۇش ئارزۇسى غالىپ بەلگەن قىز كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە يول يۈرۈشكە ئادەتلىنىپتۇ، يەنە تېخى تاغدىن ئوتۇنلارنى تېرىپ يۈدىگىنىچە ئۆيىگە ئالغاچ كېلىدىغان بوپتۇ. تاغقا بارمىغان كۈنلىرى ئانىسىنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپتۇ، غىزا–تائاملارنى شۇنداق مېززىلىك، ئوخشىتىپ ئېتىشنىمۇ ئۆگىنىپتۇ، شۇنداقلا تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغان، قىلغان ئىشلىرىدىن خۇشاللىق، بەخىت ھېس قىلىدىغان ئىشچان قىزغا ئايلىنىپتۇ . شۇنداق قىلىپ، قىز ئۆزىنىڭ چىۋەرلىكى، ئىشچان – ئەمگەكچانلىقى بىلەن قولۇم–قوشنا، ئەل–جامائەتنىڭ تەرىپلىشىگە، ماختىشىغا ئېرىشپتۇ، قولۇم – قوشنىلار : « بۇ قىز بەكمۇ چىرايلىق ، ئوماق چوڭ بولدى » دىيىشىدىغان بوپتۇ .
شۇنداق، ئادەم ئۆزىگە خاس ئادىمىيىلىك، ئۆزلۈك، گۈزەللىك ۋە قەدىر–قىممەتنى پەقەت ئۆزىنىڭ ھالال ئەجىر – مېھنىتى ئارقىلىقلا قولغا كەلتۇرىدۇ، شۇنداقلا كىشلەر ئارىسىدا يارقىن ئوبراز – ئىناۋەتنى تىكلەيدۇ، ئەگەر قەددى– قامىتى كىلىشكەن بىر ئەر ئەقىل–پاراسەتسىز، پەمسىز، پەزىلەتسىز، ھورۇن بولسا ياكى ئۇنىڭ قولدىن ھېچقانداق ئىش كەلمىسە، ئۇنداق ئەرنىڭ قەددى – قامىتىگە ھېچكىم ھەۋەس قىلمايدۇ. ئوخشاشلا ھۆسىن - جامالى تەڭداشسىز گۈزەل ئايال زاتى ئەگەر ھورۇن، نادان، پەزىلەتسىز ۋە پەم – پاراسەتسىز بولسا ئۇندان لەۋەننىڭ چىرايىغا، ھۆسىن–جامالىغا ھېچكىم مەھلىيا بولمايدۇ، بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئۆمرى بەكمۇ قسىقا بولىدۇ. تۇغۇلىشىدىنلا ئاجايىپ چىرايلىق، ئەمما قولىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيدىغان ئادەملەر خۇددى مېۋىسىز باراڭغا ئوخشايدۇ، شۇڭا ھايات كەچۈرۈشتە ئادەم ئۈچۈن چىراي ھەرگىزمۇ دەسمايە بولالمايدۇ، ئاتىلارنىڭ « چىرايىغا سۇ قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس» دىگەن ھېكمىتىدىمۇ ئاجايىپ تېرەن مەنە بار . بۇ دۇنيادا ئادەملەرنىڭ سەتى يوق، بەزى ئادەملەر ئۆز چىرايىنىڭ ئايرىم تەرەپلىرىنى ئەيىپ – نۇقسان ياكى كۆرۈمسىز دەپ ھېسابلايدۇ، ئەپسۇسكى شۇ « ئەيىپ »، « نۇقسان » ياكى «كۆرۈمسىز» لىكنىڭ ئۆزىگە خويمۇ يارىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزگىچە گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئادەم ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، چىۋەرلىكى، ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئىشچان – تىرىشچانلىقى بىلەنلا ھەقىقىي چىرايلىق، ھۆرمەتلىك، قەدىر – قىممەتلىك بولالايدۇ .
خۇلاسە شۇكى: ئىنسان ئۈچۈن ئەمگەك قوينى ھەقىقىي گۈزەللىك بۇلىقى .
تۇرغۇن يىلتىز
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>