• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-14
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    TNQئاقيول تور بىكىتى

    TNQئاقيول تور بىكىتى
    TNQئاقيول تور بىكىتى
    تۇغۇلغان كۈن ھادىسىسى جەمئىيىتىمىزگە سېڭىپ كىرگىلى ئۇنچە ئۇزۇن بولمىدى. ئەمما ئۇ ناھايىتى تېزلىكتە تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى. ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە كىچىك بالىلاردىن تارتىپ، كىچىك بالىلارغىچە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش بىر مودا ئېقىمغا ئايلاندى. ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ يات مەدەنىيەت بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز ۋە تۇرمۇش ئادىتىمىزگە بەلگىلىك سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنداقتا بىز تۇغۇلغان كۈنگە ئائىت تۆۋەندىكى بىر قىسىم دىئالوگلارنى كۆرۈپ باقايلى: TNQئاقيول تور بىكىتى
    1-كۆرۈنۈشTNQئاقيول تور بىكىتى
    - دادا، ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم! دوستلىرىم بىلەن يىغىلىپ ئولتۇرمىساق بولمايدۇ، شۇڭا 500 كوي بەرمىسەڭ، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالىمەن...TNQئاقيول تور بىكىتى
    - ئوماق قىزىم، ماقۇل مەن قوللىرىمدىكى ماللارنى ئامال بار تېزرەك ساتاي، قالغىنىغا تونۇش-بىلىشلەردىن ئېلىپ بولسىمۇ، ئەتىگىچە تەق قىلىپ قوياي...TNQئاقيول تور بىكىتى
    2-كۆرۈنۈشTNQئاقيول تور بىكىتى
    - ۋەي، ئاپاممۇ؟ قانداق ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم جۇمۇ!...TNQئاقيول تور بىكىتى
    - قانداق بالام، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ تۇغۇلغان كۈنۈم؟ ئۆيدىكى ۋاقىتلىرىڭىزدا «تۇغۇلغان كۈن» دېگەندەك گەپلەرنى قىلمايىتتىڭىزغۇ؟TNQئاقيول تور بىكىتى
    - ۋاي ئاپا، ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم، باللا بىلەن پەيزى قىلىپ قىلىپ ئولتۇرمىساق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلدا بىرلا قېتىم كېلىدىغان تۇرسا... مەن سېنىڭ بالاڭمۇ ئەمەسمۇ؟TNQئاقيول تور بىكىتى
    - ماقۇل بالام، ئېغىلىدىكى مالنى سېتىپ بولسىمۇ، ئازراق پۇل ئەۋەتىپ بېرەي...TNQئاقيول تور بىكىتى
    - ئازراق پۇل يەتمەيدۇ، ئاز بولغاندىمۇ 300 كوي ئەۋەتكىن، سىنىپتىكىلەرنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالسام ساڭىمۇ سەت...TNQئاقيول تور بىكىتى
    - ...TNQئاقيول تور بىكىتى
    3-كۆرۈنۈشTNQئاقيول تور بىكىتى
    - ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم، نېمە ئېلىپ بېرىسىز؟! سىز بىلەن يۈرگەندىن بۇيان تۈزۈكرەك بىر نەرسىمۇ ئېلىپ بەرمىدىڭىز، ئەمدى بولسىمۇ خاتىرە قالغۇدەك نەرسە ئېلىپ بېرەرسىز؟TNQئاقيول تور بىكىتى
    - مەن ئەتە سىزنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىمەن، مەن سىزگە سوۋغا قىلماقچى بولغان نەرسىنى سىز جەزمەن ياقتۇرۇپ قالىسىز. TNQئاقيول تور بىكىتى
    - سىز بەك ياخشى جۇمۇ!...TNQئاقيول تور بىكىتى
    4-كۆرۈنۈشTNQئاقيول تور بىكىتى
    - توي قىلغىلىمۇ نەچچە يىل بولۇپ قالدى، يۈرگەن ۋاقتىمىزدا تۇغۇلغان كۈنۈمنى كاتتا ئۆتكۈزۈپ بېرەتتىڭىز، تويدىن كېيىن ھەممىسى جىمىپ كەتتى، بۇ قېتىم تۇغۇلغان كۈنۈم ياشلار بايرىمىغا توغرا كېلىدىكەن، چوڭراق ئۆتكۈزۈپ بەرمىسىڭىز، دوستلىرىم ئالدىدا يەرگە قاراپ قالىمەن...TNQئاقيول تور بىكىتى
    - ۋاي-ۋۇي توي قىلىپ، ئىككى بالىلىق بولغاندىمۇ نېمە تۇغۇلغان ئۇ؟ بولدى، ئەمدى بىز ماۋۇ بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزسەك بولىدۇ. سەنزە، تېخىچە چوڭ بولماپسەن!TNQئاقيول تور بىكىتى
    - قارىغاندا، ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىكەنسىزدە! ئۇنداق بولسا بۇنداق ئۆينى تۇتقۇم يوق! TNQئاقيول تور بىكىتى
    - نېمە دەۋاتىسەن؟ ئۆي تۇتقۇم يوق؟ بىر تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئۈچۈنما! ئەگەر سەن بىلسەڭ، تۇغۇلغان كۈنۈڭدە سېنى يەڭگىش ئۈچۈن مىڭ جەۋرى-جاپانى يەڭگەن ئاشۇ ئاناڭنى يوقلاپ قويساق كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى. بۇ سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئەمەس، بەلكى ئاناڭنىڭ سېنى تۇغقان كۈنى ئىدى....TNQئاقيول تور بىكىتى
    - ...TNQئاقيول تور بىكىتى
    5-كۆرۈنۈشTNQئاقيول تور بىكىتى
    - ئاداش، ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم، دادام گەپ يوق 400 كوي بېرىدۇ...TNQئاقيول تور بىكىتى
    - ۋاھ، سېنىڭ داداڭ نېمانداق ياخشى! قارا، ئاداش ئىككىمىز دېگەن 400 كوينى 40 مىڭ كويدەك خەجلەيمىز. مەنمۇ دادامنىڭ ئىشكاپىدىن ئازراق پۇل ئېلىپ چىقاي، شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭدە بارلىق دوستلارنى يىغىپ، قۇلاق مىدىرلىغۇچە بىر ئىچمەيمىزمۇ!TNQئاقيول تور بىكىتى
    - ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلدىڭ، ئاداش، نېكەم بىزگە بۇنداق ئېچىپ باقمىغىلى!TNQئاقيول تور بىكىتى
    يۇقىرىدىكى بەش كۆرۈنۈشتىن بىز تۇغۇلغان كۈن ئالدىدىكى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان روھىي ھالىتى ۋە ئوي-خىياللىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇلار بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقان ئادەتتىكى كارتىنىلار بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇغۇلغان كۈنىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك قەبىھ جىنايەتلاردىنمۇ باش تارتماسلىقى مۇمكىن. TNQئاقيول تور بىكىتى
    «تۇغۇلغان كۈن» دېگەن ئىبارەت تۇغۇلغۇچىغا قارىتىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇ كۈننىڭ ھەقىقىي قەھرىمانىنى يەنىلا شۇ جاپاكەش ۋە كۆيۈمچان ئانا دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ كۈندە مىڭ تولغاق يەپ، ئۆزىنىڭ مېھرىدىن ئاپىرىدە بولغان يۈرەك پارىسىنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزىدۇ. ئەمما ھازىرقى تۇغۇلغان كۈن بولسا پۈتۈنلەي تۇغۇلغۇچىغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ كۈندە ئانىنىڭ ئىسمى ۋە جاپاسى تىلغا ئېلىنىپ قويۇلمايدۇ. تېخى ئۇلارغا تۈرلۈك يېڭى ئالۋاڭلار ئارتىلىدۇ. TNQئاقيول تور بىكىتى
    دوستۇم، سىزمۇ بەلكىم يىلدا بىر قېتىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈدىغانسىز، سىزمۇ بەلكىم يۇقىرىقى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرەرىنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققانسىز. مەيلى قانداق بولمىسۇن، تۇغۇلغان كۈنىڭىزنىڭ ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈن ئىكەنلىكىنى، بۇ كۈندە ھەقىقىي خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك كىشىنىڭ ئانىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.TNQئاقيول تور بىكىتى

    TNQئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ھىكايىلەر
    • كونا ئورۇندۇق(ھېكايە)
    • كونا ئورۇندۇق(ھېكايە)
    • كونا ئورۇندۇق(رۇستەم بەكرى)-رۇستەم، ئاداش، مەن سەل كەچىرەك قالىدىغان ئوخشايمەن. بۈگۈن يۇرتتىكى بالىلار نەچچىسى ساياھەت قىلىپ ئويناپ كېلىپ قاپتۇ، شۇڭا شۇلار بىلەن بىرگە بولۇپ قالدىم. سەنمۇ ھازىرلا مۇشۇ يەرگىلا كېلە ئا