بۇ دۇنيادا جىن-ئالۋاستى بار دېسە پەقەت ئىشەنمەيمەن ، ماڭالايدىغان باشسىز مۇردىنىڭ بارلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنمەيمەن . ئاتالمىش قورقۇنۇچلۇق جىن-ئالۋاستىلار پەقەت قورقۇنچاقلار ، بولۇپمۇ ئاياللار بىلەن بالىلار ئويلاپ چىققان خىيالدىكى نەرسىلەر .
جىن-ئالۋاستىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىسەممۇ ، ئەمما مېنىڭمۇ شۇنداق بالىلىق ۋاقىتلىرىم بولغان . كىچىكىمدە جىندىن بەك قورقاتتىم ، ھەر قېتىم قاراڭغۇ چۈشكىنىدە ، كەينىمدە جىن-ئالۋاستى ئەگىشىپ كېتىپ بارغاندەكلا ھېس قىلاتتىم . شۇڭا تۆۋەندە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ھېكايەم ھەرگىزمۇ جىننىڭ ھېكايىسى ئەمەس ، ئەگەر سىز راستىنلا جىننىڭ ھېكايىسىكەن دېسىڭىز ماڭىمۇ ئامال يوق .
بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا بىز يېزىدا تۇراتتۇق . بىر كۈنى ئاپام بىلەن چوڭ ھاممامنى يوقلاپ كېلىشكە باردۇق . قايتىشىمىزدا ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى . ئالدىنقى كۈنى قاتتىق يامغۇر ياغقاچقا پاتقاق يولدا مېڭىشىمىز تەسكە توختىدى . ئاپام مېنى قولتۇقلىغىنىچە تۆمۈريول رېلىسىنى بويلاپ ماڭدۇق ، بۇ يول باشقا يوللارغا قارىغاندا سەل ياخشى ئىدى . ئەگرى-بۈگرى تاغ يولى قاراڭغۇلۇقتا تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق تۈس ئالغان ئىدى . قاقاسلىق ئارىسىدىن تۇرۇپ-تۇرۇپلا شىلدىر-شىلدىر قىلغان ئاۋاز چىقىپ تۇراتتى ، ئىسىم زاتى يېزىلمىغان قەبرە تېشىنىڭ كەينىدىن سايىلەر غىل-پال ئۆتۈپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى . مەن بەك قورقۇپ كەتتىم ، بۇنى ئاپاممۇ سېزىپ قالدى .
- قورقما بالام ، ئۇلار پەقەت تۈلكە ياكى خالتىلىق چاشقان ،-دېدى ئاپام .
ئاپامنىڭ تەمكىن ۋە مۇلايىملىق چىقىپ تۇرغان سۆزىنى ئاڭلاپ خېلى تىنچلىنىپ قالغاندەكمۇ بولدۇم . تۇيۇقسىز مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئېچىنىشلىق چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ، قورققىنىمدىن شۈركىنىپ كەتتىم ۋە ئاپامنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇۋالدىم . قېرىشقاندەك كېچە ئاسمىنىدا ئايمۇ كۆرۈنمەيتتى ، تۈن قاراڭغۇلۇقى ئەتراپنى قاپلىغان بولۇپ ، يۇلتۇزلارنىڭ ئاجىز نۇرىمۇ تۇرۇپ كۆرۈنۈپ تۇرۇپ كۆرۈنمەيتتى . يېرىم يولغا كەلگەندە، دەرەخ شېخىغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتۈم .
- بالام ھېرىپ قالدىڭمۇ نېمە ؟ ئولتۇرۇپ بىر ئاز ئارام ئېلىۋالايلى،-دېدى ئاپام .
بىز رېلىس ئۈستىدىلا ئولتۇردۇق .
- ئاپا، بەك قاراڭغۇ ئىكەن ، قورقۇۋاتىمەن، -دېدىم مەن .
- قورقما بالام ، تەڭرى بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىڭدا مەن بار، -ئاپام ماڭا تەسەللى بېرىۋاتقان ۋاقىتتا ، بىز كەلگەن تەرەپتىن بىر شەپە ئاڭلاندى .
بۇ ئاۋاز بەك ئاجىز ئىدى ، ئەمما يول بويى مەن ئاڭلاپ كۆنۈپ قالغان ھېلىقى ئاۋازلارغا ئوخشىمايتتى . ئاۋاز ناھايىتى رېتىملىق ، توغرا بىرسىنىڭ ئاياق تاۋۇشىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى .
- ئاپا، ئاڭلىدىڭمۇ؟
- نېمنى؟
- بىرى بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتىدۇ .
ئاپام مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ۋە:
- يوھان ، قوزام ، بۇ سېنىڭ خىيالىڭ . ئاراممۇ ئېلىپ بولدۇق ، ئەمدى يولىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى ، داداڭ ئەنسىرىپ قالىدۇ ، -دېدى.
ئاپام بىر قولىدا مېنى يىتىلىگىنىچە يەنە بىر قولىدا قول چىراغنى يورۇتۇپ ماڭدى . بىر ئازدىن كېيىن كەينىمدىكى ئاۋاز بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك بىلىندى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆتۈكتىن چىققان ئاياق تاۋۇشىدەك قىلاتتى .
- ئاپا، مەن يەنە ئاڭلىدىم.
ئاپام كەينىگە قاراپ قول چىراقنى بوشلۇقتا بىر ئايلاندۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن:
- قارا يوھان ، ھىچنىمە يوقكەن ، -دېدى.
ئەمما مەن ئاپامنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇۋالدىم . قاراڭغۇ كېچىدە ئاپامنىڭ قولىدىكى چىراغ ئەتراپنى تېخىمۇ جىمجىت ۋە قاراڭغۇ كۆرسىتىپ تۇراتتى . تاغ شامالىنىڭ ھۇشقۇرتقان ئاۋازى تۇرۇپ پەيدا بولۇپ تۇرۇپ يوقاپ تۇراتتى . شامال ئاۋازى بېسىققىنىدا كەينىمىزدىن كېلىۋاتقان ئاۋازنىڭ بىر جۈپ ناھال قېقىلغان ئۆتۈك ئاۋازى ئىكەنلىكى ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدى .
- ئاپا ، بىزگە ئەگىشۋالغان ئاۋاز بىزگە يېقىنلاپ كەلدى ،-دېدىم يەنە.
ئاپام قول چىرىقىنى بوشلۇقتا يەنە بىر پىرقىراتتى ۋە :
- قارىغىنا بالام ، ھىچنىمە يوق . ئۇ پەقەت دەرەخ شېخىدىن چىققان ئاۋاز . قورقما، كېلە ئىككىمىز بار ئاۋازىمىز ناخشا ئېيتايلى،-دېدى.
ئاپام ئىككىمىز «باتۇر يىگىت» دېگەن ناخشىنى ئېيتىشقا باشلىدۇق . مېنىڭ ئاۋازىم تىترەپ چىقاتتى ، ئەمما ئاپامنىڭ ئاۋازى خوشال ۋە جاراڭلىق ئىدى . ناخشىمىز تۈگىشىگە ئالدىمىزدىكى ئۆينىڭ چىراق يورىقىمۇ كۆرۈنىشكە باشلىدى ، بۇ دەل بىزنىڭ ئۆي ئىدى . بىراق كەينىمىزدىن كېلىۋاتقان ئۆتۈك ئاۋازى يوقاپ كەتمەستىن ، ئەكسىچە تېخىمۇ يېقىنلاپ كەلدى .
- ئاپا، ئاڭلىدىڭمۇ ؟ مەن قورقۇۋاتىمەن ، بىز يۈگىرەيلى!
- يوھان دېدىمغۇ ، ھىچنىمە يوق ، قورقمىغىن، -دېدى ئاپام، -بىراق ئىككىمىز مۇسابىقىلىشىپ باقايلى ، قېنى كىم ئەڭ ئاۋال ئۆيگە يېتىپ بارالايدىكىن .
جېنىمنىڭ بارىچە ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم ، دادام ئىشىك ئالدىدا بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . دادامنىڭ مېنى قۇچاقلىغان بىر جۈپ كۈچلۈك بىلەكلىرى ماڭا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلدى . دادام ئاپام ئىككىمىزنى قۇچاقلىغىنىچە ئۆيىمىزگە كىردۇق .
ئاپام مېنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، كارۋىتىمغا ياتقۇزۇپ قويدى ۋە «كىچىك شاھزادە» ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەردى . مەن كۆزلىرىمنى يۇمغاندىن كېيىن ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتتى . بىراق مەن پەقەت ئۇخلىيالمىدىم ، ياندىكى ھۇجرىدىن ئاپامنىڭ قورقۇنچى تېخى بېسىلمىغان ئاۋازى ئاڭلاندى :
- سۆيۈملۈگۈم ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاياق تاۋۇشىنى يوھاندىن بۇرۇنلا ئاڭلاپ بولغان ئىدىم . ئەمما بالىنى قورقۇپ كەتمىسۇن دەپ ، يول بويى ھىچنىمە يوق ، خاتا ئاڭلىۋاپسەن دەپ كەلدىم . قول چىراقنى بىرىنچى قېتىم بوشلۇققا ئايلاندۇرغان ۋاقتىمدىلا بىزگە يىراق بولمىغان جايدا بىر ئادەمنى كۆردۈم ، ئۇ بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، بېشى يوق ئىدى.
كونا ئورۇندۇق(ھېكايە)
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ
كونا ئورۇندۇق(ھېكايە)
بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
