• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • كېچىكىپ كەلگەن بەخت

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     i6Rئاقيول تور بىكىتى

     i6Rئاقيول تور بىكىتى

    - سىز ماشامۇ ؟ مەن بىئېرi6Rئاقيول تور بىكىتى

    ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بېرى زارىقىش بىلەن كۈتكەن تېلېفوننى ئاڭلاپ ماشانىڭ تۇروپكىنى تۇتقان قوللىرى تىتىرەپ كەتتى.i6Rئاقيول تور بىكىتى

    1973-يىلى ماشا قول ئىلكىدە يوق ئاندىرونى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئەمما ماشانىڭ دادىسى بۇ ئىشقا قاتتىق قارشى تۇرغان ئىدى. ماشانىڭ بويىدا بارلىقىنى ئاڭلىغان دادا ئاچچىقىدا كېسىلىپ قېلىپ، ئۇنى ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن باشقىلارغا بېرىۋەتكىن، دېدى. شۇ ئارىلىقتا ئاندىرو ھەربىيلىككە كەتتى، ماشا بولسا ئاندىرو يازغان خەتلەرنىڭ كۆيۈپ كېتىۋاتقىنىدىن خەۋەرسىز ئىدى، شۇنداق قىلىپ ماشا بىلەن ئاندىرونىڭ ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلدى. دادىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ماشا ئۆيىدىن خېلى يىراقتىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا باردى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شۇ يەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىشقا ئورۇنلاشتى. ماشا توي قىلمىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ ئۆز بەختىدىن مەڭگۈ ئايرىلغان بولۇپ، ئەمدى قايتىپ كەلمەيتتى. ئۇنىڭ بىردىنبىر خوشاللىقى پەقەت ئەسلىمە ئىچىدە ياشاش ئىدى.i6Rئاقيول تور بىكىتى

    ئەمما ماشا تەۋرەنمەس بىر غايە بىلەن ياشىدى، ئۇ بولسىمۇ ئۆز ئوغلىنى ئىزدەپ تېپىش ئىدى، بۇ كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى.i6Rئاقيول تور بىكىتى

    ئانا-بالا كۆرۈشىدىغان كۈنى، بىئېر ئولتۇرغان ئاپتوبۇس بېكەتكە كىرىشىگە، ماشا ئوغلىنىڭ ئىسمى يېزىلغان تاختاينى ئېگىز كۆتۈردى.i6Rئاقيول تور بىكىتى

    ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۆز ئوغلىنى بىر قاراپلا تونۇۋالدى، ئانا-بالا بىر - بىرىنى مەھكەم قۇچاقلاشتى. ئازاب ۋە خۇشاللىق ئارىلىشپ كەتكەن كۆز ياشلار تاراملاپ ئاقتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر ئوغۇل بالا بىئېرنىڭ چاپىنىدىن تارتتى.i6Rئاقيول تور بىكىتى

    - دادا، ئۇسساپ كەتتىم.i6Rئاقيول تور بىكىتى

    ماشا كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي بالىنى كۆتۈردى. بالا ماشانىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ دېگۈدەك يەرگە چۈشۈپ، «بوۋا» دەپ ۋارقىرغىنىچە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى كىشىگە قاراپ يۈگۈردى.i6Rئاقيول تور بىكىتى

    ماشا نەۋرىسى يۈگۈرگەن تەرەپكە قاراپ قېتىپلا قالدى، «بۇ مۇمكىنمۇ، ئەجىبا راستىنلا شۇمىدۇ؟»i6Rئاقيول تور بىكىتى

    بىئېر ئانىسىنىڭ مۈرىسىدىن مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ:i6Rئاقيول تور بىكىتى

    - شۇ، دەل ئۆزى. ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىمۇ ئىزدەپ تاپتىم. ئۇ ئۆيگە كەپتىكەن، بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ بەك ھاياجانلىنىپ، بىز بىلەن بىرگە كەلدى، ھە راست، داداممۇ تېخى توي قىلماپتۇ،-دېدى.i6Rئاقيول تور بىكىتى

    ئاندىرو ماشا تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى، ماشا بولسا ئېغىر قەدەملىرىنى ئاران يۆتكەپ ئۇنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. يېقىن كەلگەندە، ھەر ئىككىسى قەدەملىرىنى توختىتىپ، بىر - بىرىگە سەپسېلىپ قاراپ كېتىشتى، ۋاقىت خۇددى توختاپ قالغان ئىدى. بىر ھازادىن كېيىن ئۇلار بىر - بىرىنى مەھكەم قۇچاقلاشتى.i6Rئاقيول تور بىكىتى

    شۇ يىلىدىكى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا بىئېر ئاتا-ئانىسىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشتى.i6Rئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز