بىر خوجايىن بىلەن بىر ئىشچى بىرلا ۋاقىتتا ئاياغ سېتىۋالغىلى كىرىپتۇ. خوجايىن قىزىل خۇرۇم ئاياغنى ، ئىشچى بولسا قارا خۇرۇم ئاياغنى تاللاپتۇ. قىزىل ئاياغ قارا ئاياغقا :
_ ئارزۇيۇمغا يەتتىم ، بىر ئۆمۈر سالاپەتلىك ئۆتىدىغان بولدۇم - دە ،دەپتىكەن،قارا ئاياغ:
_ باي خوجايىننىڭ ئايىغى بولالىغانلىقىڭ ئۈچۈنما ؟ ئەڭ ياخشىسى يىراققا نەزەر سال! _ دەپتۇ.
بىر كۈنى بۇ ئىككى ئاياغ ئىگىسىگە ئەگىشىپ كىنوخانىدا ئۇچرىشىپ قېلىپ، قىزىل ئاياغ يەنە كۆرەڭلىگىلى تۇرۇپتىكەن ، قارا ئاياغ:«تولا كۆرەڭلىمەي،يىراققا نەزەر سال»دەپتۇ.

بىر كۈنى ئىشچى قارا ئايىغىنى كىيىپ ئەخلەت تۆككىلى چىققان ئىكەن، قارا ئاياغ قىزىل ئاياغنىڭ ئەخلەت ئارىسىدا تاشلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن:
_ ساڭا نېمە بولدى؟ _ دەپ سورىغان ئىكەن .قىزىل ئاياغ:
خوجايىنىم ھېيتلىق ئاياغ سېتىۋىلىپ ، مېنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى. ئۇ مېنى كىيگىلى تېخى ئەمدى يېرىم يىل بولغانىدى. قارىمامسەن ساپساقلا تۇرسام، بۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن! _ دەپ زارلىنىپتۇ، قارا ئاياغ :
_ خوجايىنىڭ توغرا قىلماپتۇ، لېكىن سەن جاھاندىكى ئىشلارنى بەك ئاددىي چاغلاپ قاپسەن، ئىنچىكىرەك ئويلىنىپ كۆرگىن! _ دەپتۇ.
شۇنداق، كۆز ئالدىدىكى بىر مەزگىللىك خۇشاللىقنىڭ كويىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشماسلىق بەكمۇ خەتەرلىك. جاپا بىلەن راھەت، ئېرىشىش بىلەن مەھرۇم قېلىش، يېقىن بىلەن يىراق، ھازىر بىلەن كەلگۈسى....قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرىنچىدىن قارمۇ - قارشىلىق، ئىككىنچىدىن بىرلىككە ئىگە بولغان زىددىيەت مۇناسىۋىتىدۇر. ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا زىددىيەتلىك بولغان قوش تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغاندىلا ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. ھەممە بارماق ئوخشاش ئاغرىيدۇ ئەلۋەتتە.
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ
قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ
قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ
