• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-14
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    i29ئاقيول تور بىكىتى

    i29ئاقيول تور بىكىتى
    i29ئاقيول تور بىكىتى
    مۇھەببەت ئۆلمەس تېما، ئۇ ھەممە ئادەم بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان شېرىن ھەم ئازابلىق جەريان. كىشىلەر بۇرۇندىن تارتىپ مۇھەببەتنى كۈيلەپ كەلگەن. ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يۈرىكى بىلەن چىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقان. ئەمما ئاقىۋەتتە ھەقىقىي ۋىسال تاپقانلار يەنىلا ساناقلىقلا بولغان. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، مۇھەببەت ھازىرمۇ كەلگۈسىدە يەنە مەڭگۈلۈك تېما سۈپىتىدە قېلىۋېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە كىشى بىر ئۆچمەس ئابىدە قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ. i29ئاقيول تور بىكىتى
    بەزىلەر مۇھەببەتنى گۈلگە ئوخشىتىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇنى قۇياشقا ئوخشىتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئاللىنېمىلەرگە ئوخشىتىدۇ. بەزىلەر تا ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن مەنە ئىزدەپ كەلدى، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ تەبىر بەرمەكچىمۇ بولدى، ئەمما ئۇ يەنىلا سوئال پىتى قىلىۋەردى. شۇنداق مۇھەببەت شۇنداق نەرسە. ئۇنىڭ تەبىرى يوق ھەمدە ھېچ ئوخشىشى يوق. ئۇ ھەر ئىككى تەرەپتىن پاك بولۇشىنى، بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى، بىر-بىرى ئۈچۈن ھەقىقىي قۇربانلىق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ساختىپەز، ئالدامچى، نەپسانىيەتتىن ئۆزگىنى ئويلىمايدىغان كىشىلەر مەڭگۈ مۇھەببەت قەسرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدۇ. i29ئاقيول تور بىكىتى
    نۇرغۇن كىشىلەر دائىم ھەقىقىي، چىن مۇھەببەت توغرىلىق سۆزلىشىدۇ. ئۆز مۇھەببىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللار ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ، لېكىن ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدىغان ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مۇھەببەتمۇ ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەربىيىلىشىگە موھتاج. مەيلى سىز كىم بولۇڭ، نېمە ئىشى قىلىڭ، سىز بىراۋ بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنى ھەر كۈنى تەربىيىلەپ، ئاسراپ تۇرمىسىڭىز، ئۇ باشقا ياقلارغا قېيىپ كېتىشى مۇمكىن. سىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئېرىشمىكىڭىز تەس ئەمەس، ئەمما شۇ ئېرىشىپ بولغان مۇھەببەتنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭلاشقا، باشقىلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە چىن كۆڭلىگە چاقچاق قىلىدىغان، ھېسسىياتى بىلەن ئوينىشىدىغان ئىشىنى قىلماڭ. i29ئاقيول تور بىكىتى
    قايسىدۇر بىر يازغۇچى مۇھەببەت توغرىسىدا توختىلىپ:« مۇھەببەت باشقىلارغا ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشتۇر» دېگەنىكەن. بۇنىڭ ئاساسى بار. چۈنكى مۇھەببەتتە ئازاب بولىدۇ. مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار دەل ئاشۇ خىل شېرىن ئازابنىڭ لەززىتىدىن قەلبى ھېچقاچان ھېچ قىلىپ باقمىغان روھىي تۇيغۇلارغا چۆمۈلىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئازاب سۇسلاشقان ھامان قارشى تەرەپكە بولغان ھېسسىياتتىمۇ سۇسلاش كۆرۈلىدۇ. دېمەك، مۇھەببەت ئازابتىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن بۇنداق قۇرۇق ئازابلاش ئاخىرى قارشى تەرەپكە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان ئادەمگىمۇ ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. مۇھەببەت گاھى ئادەمنى شاھ قىلسا، گاھى گاداي قىلىدۇ. چىن يۈرىكى بىلەن يول تۇتقانلارغا ۋىسال شەربىتىنى تۇتسا، پەقەت كۆڭۈل ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپلا ساختا ياخشى كۆرىدىغانلارغا بولسا، ۋىجدان سوتى ئارقىلىق، ئېغىر جازا ئارتىدۇ. مۇھەببەت ئادىل. ئۇ ھەرگىز كور ئەمەس. كور بولغىنى بىزنىڭ كۆزى ئېچىلمىغان سەزگۈمىز ۋە ئەقلىمىز. i29ئاقيول تور بىكىتى
    مۇھەببەت كىشىلەرگە غايەت زور كۈچ ئاتا قىلىدۇ. نەچچە مىڭ لەشكەر ئالالمىغان شەھەرنى پەقەت بىر ئادەمنىڭ مۇھەببىتى ئېلىشقا قادىردۇر، پەقەت شۇ خىل كۈچ مەۋج ئۇرۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن كەڭ كەتكەن بارخانلار يېشىللىققا تولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل كۈچ بولمىغان بولسا، ئەينى ۋاقىتتا پەرھاتمۇ تاغنى تېشىپ، سۇ باشلاپ كېلەلمىگەن بولاتتى. يەنە نۇرغۇنلىغان تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان يىگىتلەر شانۇشەۋكەت تاجغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. i29ئاقيول تور بىكىتى
    مۇھەببەت پەقەت ئۆزدىنلا ئىبارەت. ئۇ تاۋار شەكلىنى ئالغان ھېسسىيات ئويۇنى ئەمەس. ئۇنى سىز بازاردىن ياكى كوچا-كويلاردىن تېپىۋېلالمايسىز. ئۇنىڭ تەبىرى يوق، سىز ئۇنىڭغا مىڭلاپ تەبىر بەرسىڭىزمۇ، ئۇ يەنە سىزگە تۈمەنلەپ سوئال تاشلاپ تۇرىدۇ. ئۇ پەقەت ھەر ئىككى تەرەپكە شېرىن ئازاب ۋە تەخىرسىز شادلىق ئاتا قىلىدۇ. پەقەت مۇشۇ تۇيغۇلا مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىزگە ھېس قىلدۇرالايدۇ. ئەگەر سىزدە «مۇھەببەتنى قوغداش» ئەڭگۈشتىرى بولمىسا، ئۇ مىنۇت ئۆتمەي غايىب بولىدۇ. چۈنكى ئۇ قوغداشقا، ھەر ۋاقىت تەربىيىلەشكە، ئاسراشقا ۋە سەمىمىيلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج. سىز قارشى تەرەپكە ئازاب ئاتا قىلغان ئىكەنسىز، ئۇنىغا شادلىقمۇ بېرىشىڭىز، دەل مۇشۇ داۋالغۇش ئىچىدە مۇھەببەت بايرىقىنى مەڭگۈ لەپىلدىتىشىڭىز كېرەك.i29ئاقيول تور بىكىتى

    i29ئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ھىكايىلەر
    • كونا ئورۇندۇق(ھېكايە)
    • كونا ئورۇندۇق(ھېكايە)
    • كونا ئورۇندۇق(رۇستەم بەكرى)-رۇستەم، ئاداش، مەن سەل كەچىرەك قالىدىغان ئوخشايمەن. بۈگۈن يۇرتتىكى بالىلار نەچچىسى ساياھەت قىلىپ ئويناپ كېلىپ قاپتۇ، شۇڭا شۇلار بىلەن بىرگە بولۇپ قالدىم. سەنمۇ ھازىرلا مۇشۇ يەرگىلا كېلە ئا