• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-14
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    wJwئاقيول تور بىكىتى

    wJwئاقيول تور بىكىتى
    wJwئاقيول تور بىكىتى
    wJwئاقيول تور بىكىتى
    سىز بەلكىم ئىشقا بارغاچ ياكى ئىشتىن قايتقاچ باشقىلارنىڭ سولغۇن چىرايىنى كۆرگەنسىز. «مەن نېمانداق بەختسىز» دېگەندەك قۇرۇق قاقشاشلىرىنىمۇ ئاڭلىغانسىز. ۋە ياكى بۇلار سىزنىڭ بېشىڭىزدىن ئۆتكەندۇ. ياكى سىزمۇ بەخت توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ، ئۈمىدسىزلىنىپمۇ كەتكەنسىز. مەنمۇ شۇنداق، مەن گاھىدا بەخت توغرىسىدا ئاجايىپ ھېسلار باغرىغا غەرق بولۇپ كېتىمەن. ئەمما، خىياللاردىن بوشانغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنى خۇددى بەختسىزدەك ھېس قىلىپ قالىمەن. بۇنداق تۇيغۇ مەن بىلەن سىزدىلا ئەمەس، بارلىق كىشىلەردە بولىدۇ. ھەممىمىز، ھەر كۈنى نېمىلەردىندۇر ئۆز بەختىمىزنى ئىزدىمەكچى بولىمىز. ئۆزىمىزدىن ناھايىتى يىراق جايلاردا بىزنى غايەت زور بەخت كۈتۈپ تۇرغاندەك، ئۇ پات ئارىدىلا بىزنى چەكسىز خۇشال قىلىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىمىز. ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەردىن بىزار بولىمىز. بۇنداق روھىي ھالەت ھەممىمىزدە بولۇپ باققان. بۇلارنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇلارنى پەقەت بىر مەزگىللىك ئۆتكۈنچى تۇيغۇ دەپ قارىساق توغرا بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنى سىرتتىن ئىزدىشىمىز ھالاكەتتىن دېرەك بېرىدۇ. بىز بەختكە توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. wJwئاقيول تور بىكىتى
    بەخت ئالما ياكى مال دۇنيا ئەمەس. ئۇ بىر خىل تۇيغۇ. ئۇنىڭ ۋاقتى ناھايىتى قىسقا، لەززىتى مەڭگۈلۈك. بىز ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى بەختسىز ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئەتراپىمىزدىكى بەختلەرنى كۆرىدىغان كۆزىمىز تورلىشىپ قالىدۇ. بىز ھەر قېتىم دۇنيادىن زېرىكىپ، يالغۇزسىراپ قالغان ۋاقتىمىزدا، بىزنىڭ بارلىق نېرۋىلىرىمىز ئۆز كونتروللۇقنى يوقىتىدۇ. ئەمما سىنچىلاپ قاراپ باقىدىغان بولساق، بەختنىڭ ئەتراپىمىزدا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بىزدە، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيادا بەخت كەم ئەمەس، كەم بولغىنى بەختنى بايقاشقا ماھىر «كۆز». بىز پەقەت چىن قەلبىمىز بىلەن ئۇنى كۆزەتكەن ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. wJwئاقيول تور بىكىتى
    ئەگەر بىز بىر دەشتى-باياۋاندا كېتىۋاتساق، بىزدە ئوزۇق-تۈلۈك قالمىسا، ئۇ ھالدا بىزدىكى بەخت تۇيغۇسى بىزنىڭ شۇ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇشتىن ئۆزگە نەرسە ئەمەس. بىز مۇنداق شارائىتتا دۇنيانىڭ تۈرلۈك-تۈمەن خىل ئىشلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئىسسىق جېنىمىزنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قىلىشنى ئويلايمىز. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى بەخت بىر يۇتۇم سۇ ياكى بىر بۇردا نان بولۇشى مۇمكىن. wJwئاقيول تور بىكىتى
    دېمەك، بەخت دېگەن شۇنداق ئاددىي نەرسە. نۇرغۇن كىشىلەر ناھايىتى كاتتا ئىشلارنى بەخت دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنداق كاتتا، ھەشەمەت ئىشلاردا ھەقىقىي بەختنىڭ بولۇپ كېتىشى ناتايىن. بەزىلەر ئادەتتىكىچە ياشاشنى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرۈشنى بەخت دەپ قارىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر بىر دەم ئۇخلىۋېلىشنى بەخت دەپ قارىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىلكىمىزدە. مەسىلە، ئۇنى قانداق بايقاشتا. wJwئاقيول تور بىكىتى
    دوستۇم، بەلكىم سىز يىراقتىكى ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تەن ساقلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنى بەخت دەپ قارىمايدىغانسىز. سىز يەنە يۇرتىڭىزنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ۋە كۆڭۈل ئازادىچىلىكىڭىزنى بەخت دەپ ھېسابلىمايدىغانسىز. سىزگە تەلمۈرۈپ، كۈندە دېگۈدەك تېلېفونىڭىزنى سايرىتىپ تۇرىدىغان قىز (ياكى ئوغۇل) دوستىڭىزنى بەخت دەپ قارىمايدىغانسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ بەختىڭىز، شۇڭا بۇلارنى قەدىرلەڭ، چۈنكى سىز ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغاندا، سىزنىڭ يۈزلىنىدىغىنىڭىز پۈتۈنلەي ئامالسىزلىق بىلەن تولغان رېئاللىقتۇر. wJwئاقيول تور بىكىتى
    بۇندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنى بەختسىز دەپ قارىماڭ، بەخت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا. ئۇنى چىڭ تۇتۇڭ. ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ھەم مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بەخت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا، ئۇنى سىز تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ.

    wJwئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ھىكايىلەر
    • كونا ئورۇندۇق(ھېكايە)
    • كونا ئورۇندۇق(ھېكايە)
    • كونا ئورۇندۇق(رۇستەم بەكرى)-رۇستەم، ئاداش، مەن سەل كەچىرەك قالىدىغان ئوخشايمەن. بۈگۈن يۇرتتىكى بالىلار نەچچىسى ساياھەت قىلىپ ئويناپ كېلىپ قاپتۇ، شۇڭا شۇلار بىلەن بىرگە بولۇپ قالدىم. سەنمۇ ھازىرلا مۇشۇ يەرگىلا كېلە ئا