• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تەشتەكتىكى گۈل

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     3btئاقيول تور بىكىتى

    (ھېكايە) 3btئاقيول تور بىكىتى

    تۇرسۇن كېرىم قارچۇق 3btئاقيول تور بىكىتى

       ئەتىگەندە سىنىپقا كىرىپلا دېرىزە تەكچىسىدىكى گۈللەرگە سۇ قۇيۇۋاتقان ئوقۇغۇچۇم مەرداننى كۆردۈم.3btئاقيول تور بىكىتى

       - ئۆزۈڭ ئەكەلگەن گۈلگىلا سۇ قۇيۇۋاتامسەن ياكى ھەممىسىگىمۇ؟3btئاقيول تور بىكىتى

       باشلانغۇچنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقىنىغا قارىماي خېلى ئىشلارنى دىتلاپ قىلالايدىغان، ئەقىللىق، تىرىشچان بۇ ئوقۇغۇچۇمغا ئامراق بولغاچقا چېقىشىپ سورىدىم.3btئاقيول تور بىكىتى

       - ياخشىمۇسىز مۇئەللىم، ھەممىسىگە قۇيۇۋاتىمەن، بۈگۈن كۈنگە جۈمە. شەنبە، يەكشەنبە سۇ قۇيالمايمىز، شۇڭا ھەممىسىگە جىقراقتىن قۇيۇۋېتەي دېدىم.3btئاقيول تور بىكىتى

       بىرىنچى سائەتلىك دەرسكە كىردىم. ھەر سائەتلىك دەرستە پۈتۈن دىققىتى بىلەن دەرس تىڭشايدىغان مەردان بۈگۈن دېرىزە تەكچىسىدىكى گۈللەرگە پات – پات قاراپ قوياتتى. تەنەپپۇستا دېرىزە تەكچىسىدىكى گۈللەرگە چاندۇرماي قاراپ باقتىم. سىنىپنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بالىلارغا ئۆيلىرىدىن ئەكەلگۈزۈپ بىللە پەرۋىش قىلىۋاتقان گۈللەر ئارىسىدا مەردان ئەكەلگەن ئەتىرگۈل ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.3btئاقيول تور بىكىتى

       چۈشتىن كېيىن بالىلار سىنىپ تازىلىقىنى قىلىپ بولۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. مەن بېشىنى چۆكۈرۈپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرغان مەرداننىڭ يېنىغا كەلدىم.3btئاقيول تور بىكىتى

       - قايتمامسەن ؟3btئاقيول تور بىكىتى

       - بىردەم تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئاندىن قايتىمەن.3btئاقيول تور بىكىتى

       يېشىغا ماس كەلمىگەن دەرىجىدە ئىش ئۇقىدىغان بۇ بالىنىڭ ئەتىگەنكى دەرس ۋاقتىدا دىققىتىنى يىغالماسلىقى، كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىش، سورىغان سوئاللىرىمغا كۆزۈمگە قارىيالماي، بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي تۇرۇپ جاۋاب بېرىشى، ئاۋازىدىن بىلىنىپ تۇرۇۋاتقان جىددىيلىك ئەلۋەتتە نەزىرىمدىن ساقىت بولمىدى.3btئاقيول تور بىكىتى

       - ئەمسە، ئىشىكنى تاقاشنى ئۇنتۇما، يولدا دىققەت قىلىپ ماڭ، مەن ئىشىكنىڭ تۈۋىگە كېلىپ بولۇپ ئۇنىڭغا تاپىلىدىم.3btئاقيول تور بىكىتى

       - ماقۇل مۇئەللىم، خوش، ئۇ ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ جاۋاب بەردى.3btئاقيول تور بىكىتى

       مەردان قارا رەڭلىك، ئۇزۇن لاتا سومكىنى كۆتۈرۈپ ئىلدام كېتىۋاتاتتى. سومكا بېغىنىڭ تۆۋەنگە چىڭڭىدە تارتىلىپ تۇرىشىدىن ئىچىدىكى نەرسىنىڭ خېلىلا ئېغىرلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى. مەرداننىڭ ئۆزى ئەكەلگەن، ھۆپپىدە ئېچىلغان ئەتىرگۈلنى ئېلىپ ماڭغانلىقى ماڭا ئايان. ئۇ قارا سومكىنى بىردەم ساڭگىلىتىپ، بىردەم قۇچاقلاپ ماڭاتتى. ئۇنىڭ گۈلنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىغا قىزىققاچقا، كەينىدىن ئەگەشتىم. مەردان ئۇدۇل ئانىسى تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندىلا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى. چۈنكى، مەرداننىڭ ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەردان دادىسى بىلەن كونا ئۆيىدە، ئانىسى سىڭلىسىنى ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرقى ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى. مەردان زالنىڭ ئىچىگە بىردەم قاراپ تۇرۇپ بىنانىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن ھايالشىمايلا قايتىپ كېلىپ دالدىراق بىر جاينى تېپىپ تۇردى. مەنمۇ خالىي بىر جاينى تاللاپ ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي مۆكۈنۈپ تۇردۇم. بىردەمدىن كېيىن بىر تاكسى بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ ئىچىدىن قولىدا بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈۋالغان ئەر ۋە كىچىك بىر بالا چۈشتى. سىنچىلاپ قاراپلا مەرداننىڭ ئانىسىنىڭ ھازىرقى ئېرى ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى تونۇۋالدىم. ئەر تاكسىدىن چۈشۈپلا قولىدىكى گۈلنى ئوغلىغا تۇتقۇزۇپ قويدى. نەزىرىمنى ئىتتىك مەردانغا يۆتكىدىم. مەردان ئۇلارغا تىكىلىپ تۇرۇپلا قالغانىدى. ئۇلار تولىمۇ قىزغىن، خۇشال كەيپىياتتا كىرىپ كەتتى. مەردان جايىدىلا زوڭزىيىپ، قارا سومكىنى ئېچىپ، تەشتەكتىكى ئەتىرگۈلگە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى. خېلىدىن كېيىن ئۇ قارا خالتىنى تۈزەشتۈرۈپ قۇچاقلىغىنىچە كەينىگە ياندى. ھېلىدىن – ھېلىغا بىنا تەرەپكە قايرىلىپ قارىغىنىچە شۈكلەپ، تۈگۈلۈپ كېتىپ بارغان مەردان بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ گۈپپىدە يېقىلدى. مۆكۈنۈپ تۇرغان يېرىمدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتىم.3btئاقيول تور بىكىتى

       - جېنىم ساقام، قاتتىق يېقىلمىغانسەن؟ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ كىيىملىرىنى قېقىشتۇردۇم.3btئاقيول تور بىكىتى

       ھۈ...ھۈ...ھۈ..3btئاقيول تور بىكىتى

       ئۇنىڭغا بۇ ئىشلار ھار كېلىپ يېرىلالماي ئاران تۇرغاچقا، مېنى كۆرۈپلا ھۆڭگىرەپ يىغلاپ كەتتى . 3btئاقيول تور بىكىتى

       - يىغلىما، سەن ئەقىللىق، چىداملىق يىگىت. كوچىدا بۇنداق قىلساڭ سەت تۇرىدۇ. كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتۈم.3btئاقيول تور بىكىتى

       - يەك... .ھۈ... يەكشەنبە ئان.... ئانىلار بايرىمى، بۇ ... بۇ گۈلنى ئانام... ئانامغا بېرەي دېگەنتىم. ھۈ.... ھۈ..... ھۈ... دۈشەنبە كۈنى سىن... سىنىپقا باش... باشقا گۈلنى ئاپىراتتىم، ئۇنىڭ چىڭقىلىپ، ئۆكسۈپ تۇرۇپ مىڭ تەسلىكتە ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىمدە بىر نەرسە شۇررىدە ئېرىپ كەتكەندەك بولۇپ سۇسقىنە سىلكىندىم.3btئاقيول تور بىكىتى

       - سەن ناھايىتى توغرا ئويلاپسەن. تەشتەك چېقىلىپ كېتىپتۇ، بىراق بۇ گۈلگە ھېچنىمە بولمايدۇ، ئەنسىرىمە. يۈر، مەن بىلەن بىللە ماڭغىن، ساڭا ياردەم قىلىمەن.3btئاقيول تور بىكىتى

       گۈل دۇكىنىدىن تولىمۇ چىرايلىق تىزىلغان بىر دەستە گۈلنى ئالدىم – دە، مەرداننى يەنە ئۇنىڭ ئانىسى تۇرىدىغان بىنانىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ، ئۇنىڭغا گۈلدەستىنى تۇتقۇزۇپ تاكسىدىن چۈشۈرۈپ قويدۇم. ئۇ زالنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ تۆۋەنكى كالپۇكىنى بوشقىنە چىشلەپ سۇس كۈلۈپ تۇرغان چىرايىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى، قۇچىقىدا بىلىنەر – بىلىنمەس تىترەپ تۇرغان گۈلدىن سەل جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالدىم.3btئاقيول تور بىكىتى

       مەرداننىڭ زالغا ئاستا، قورۇنۇپقىنە كىرىپ، پەلەمپەيدىن ئېھتىيات بىلەن چىقىپ كېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئىچىمگە قوقاس چۈشكەندەك بولۇپ كەتتىم، بوغۇزۇمغا ئېزگۈ بىر يىغا ئۇلۇشۇپ، دىمىقىم، كۆز جىيەكلىرىم ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى... 3btئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز