يېقىندا دوستۇم سانىيەنىڭ ئۆيىگە باردىم. كەچقۇرۇن سائەت 5 لەر بولغاندا، ئىككى ئايدىن بېرى ئۇنى قوغلىشىۋاتقان بىر يىگىتتىن تېلېفۇن كەلدى. يىگىت شۇنچە يالۋۇرسىمۇ، سانىيە كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى، بىراق يىگىت پىكىرىدە چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، نائىلاج ماقۇل بولدى.
-بوپتۇ، تەلىپىنى رەت قىلىۋەرمە، ئاپتۇبۇستا ئۇ ئۆزى گەپ تېشىپ، يۇرتداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، دېدىڭ. نەچچە ھەپتىدىن بېرى ساڭا قالدۇرغان تەسىرىمۇ خېلى ياخشىكەن، ئۇنداق بولغاندىكىن كۆرۈشۈپ بېقىپ بىر نىمە دېمەمسەن، ـــ دېدىم. سانىيە ئانچە خوشال بولمىغان تەلەپپۇزدا:
ــ ئۇنىڭغا يېنىمدا دوستۇم بار دېسەم، بىللە چىقىڭلار، مەنمۇ بىر ئاغىنەمنى چاقىرۋالاي، دەيدۇ، ــ دېدى.
يىگىت دېگەن تېز تاماقخانا دوستۇمنىڭ ئۆيىگە يېقىنلا يەردە ئىدى. تېز تاماقخانا ئالدىدا تونۇشۇم ئالىيەنىڭ ئېرىنى بىر ئاغىنىسى بىلەن كۆردۈم. ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشايمۇ دەپ تۇرسام، سانىيە قۇلىقىمغا پىچىرلاپ: «ئاشۇ يىگىت شۇ» دېدى. ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. سانىيەنىڭ كۆرسەتكىنى دەل ئالىيەنىڭ ئېرى ئىدى. ئارتۇق گەپ قىلمايلا سانىيەنىڭ قولىدىن تارتتىم. «نېمە بولدۇڭ؟» دېدى سانىيە تەئەججۈپلىنىپ.
ــ بولدى قايتايلى، سەن كۆرۈشمەكچى بولغان ئۇ يىگىت تونۇشۇمنىڭ ئېرى، ئۇ نىمىشقا ئۆزىنى ساڭا توي قىلمىغان يىگىت دەپ تونۇشتۇرغاندۇ؟ ئۇلار توي قىلغىلى يېرىم يىل بولاي دېدى، ھازىر ئۇنىڭ ئايالى ھامىلدار... ــ دېدىم.
سانىيە ھېچنىمە دېمەي كەينىگە ئۆرۈلدى. ئۇچرىشىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، «يىگىت» تىن تېلېفۇن كەلمىدى. شۈبىھسىزكى، ئۇمۇ بۇنى كۆرگەنىدى.
بۇنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي، ئالىيەگە تېلېفۇن بەردىم. ئۇ ئېرىنىڭ بىرەر سائەت بۇرۇن ئاغىنىلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، بىراق ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى قانداق دېيىشنى بىلەلمىدىم.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئىشقا بارغاندام ئالىيەگە بولغان ئىشنى ئېيتتىم. ئۇ دەرھال تېلېفۇن بەردى. ئالىيەنىڭ ئېرى خاتالىقىنى تونۇماقتا يوق، بۇ ئىشلارنى ئېتىراپ قىلمىغاندەك قىلاتتى.
ئائىلە ئىللىق ماكان، بۇ ماكان ئەرنىڭ ئايالغا بولغان كۆيۈمى بىلەن گۈللەپ ياشنايدۇ، پەرزەنتلەر گۈللەپ ياشنايدۇ، پەرزەنتلەر كۈلىدۇ. ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتى بار تۇرۇقلۇقمۇ ئۆزگىلەرنى ئالداپ، ئۆز ماكانىنى قوغدىمىغان، ئايالىغا سادىق بولمىغان، ئايالىنىڭ ئالدىدا خوش-خوش دەپ ساختا رول ئېلىپ، تالادا بىلگىنىنى قىلىدىغان، قىزلارنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ ھېسياتى بىلەن ئوينىشىدىغان «ھېسيات ئوغرىسى» بولىمىش ئەرلەرگە لەنەت.
ئائىلە قۇرۇپمۇ ئەرلىكنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان، پەرزەنتلىك بولۇش ئالىدا تۇرۇپمۇ ئاتا بولۇش شەرىپىنى ھېس قىلالمايدىغان، ئائىلىسىگە مەسئولىيىتى ۋە چىن مۇھەببىتىنى بېرەلمەيدىغان «تەنتەك» ئەرلەرگە شۇ نەرسە ئايان بولسۇنكى، بۇ دۇنيادا ئېچىلمايدىغان سىر يوق، بىزدە «ئورىنى كىم كولىسا، شۇ چۈشەر» دەيدىغان ھېكىمەت بار. بىردەملىك ھاياجانىڭىز، ياشلىقىڭىز، شادلىقىڭىزدىن ئىككى پۇتىڭىز بىر ئۆتۈككە تىقىلغاندا، جاھاننىڭ كەڭلىكىدىن سىزگە قىلچە پايدا يوق. ئائىلە مۇقەددەس، ئائىلە بۈيۈك. ۋەھالەنكى، ۋاپاسىزلىق، ئالا كۆڭۈللۈك بەدىلىگە ئۆز بەختىڭىزگە دەز كەتكۈزۈپ، ئۆمۈر بويى تاپا-تەنە ئىچىدە ياشىنىنىڭىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ ئەرلەردە ساداقەت، ۋاپا، كۆيۈم، مېھرىبانلىق سۇسلاپ كەتمىسۇن. قىزلارمۇ ئۆز قەدىر-قىممىتى بىلەن ياشىسۇن.
زۇلپىيە زۇمرەتشاھ
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»