ئۇ بىر كۈنى سىرتقا چىقتى ، مەھەللىسىدىكى بالىلار ئۇنى ئورىۋېلىپ كۈندىلىك ئادىتى بويىچە ئۇنى ئۆزىنىڭ گاچا بولۇپ قالغىنىنى ھىس قىلىپ يىغلىغاندىن كىيىن قورسىقىنى تۇتۇشۇپ كۈلۈش ئۈچۈن گەپكە سېلىشقا باشلىدى .
_ چوكا دىگىنە ھەي گاچا ،
_ چ چ ك ك ....
_ ھاھا.....
_ ئىت دىگىنە
_ ئ.....ت...ە ....
_ ھاھا .....
...
مۇشۇنداق يىگىرمە قېتىم داۋاملاشتى ،ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يىغلاپ كەتتى ،بالىلار ئۇنىڭ يىغلىغىنىدىن ھوزۇرلاندى-دە ئۇنى بىردىن ئىتتىرىپ ئارلىقىدىن چىقىرىۋېتىپ ، ئۆز ئويۇننى ئويناشتى .
يىگىرمە يىل ئۆتتى .
بۇ مەھەللە ئەمەس ،پۈتۈن يۇرت «بىر داڭلىق چولپان كىلىدىكەن »دىگەن گەپنى ئاڭلاپ تىترەپ كەتتى . بۇ چولپان ئادەتتىكى چولپان ئەمەس بەلكى دۇنياغا داڭلىق كىنو چولپىنى ئىدى . بۇ يۇرتقا بۇنداق چولپاننىڭ كىلىشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى . نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا باشلىرىنى سوزۇپ قارىشىپ ،بىر كۆرىۋېلىش ئۈچۈن قارىشىپ تۇراتتى .
ئۇ نۇرغۇن چاۋاكلار بىلەن نۇتۇققا تەكلىپ قىلىندى :
_ كۆپچىلىككە رەھمەت .ئالدى بىلەن سىلەرگە بىر گەپنى قىلىپ بەرسەم ، چوكا ،ئىت .....،مېنى ئەينى ۋاقىتتا مەھەللىدىكى بالىلار مۇشۇ گەپلەرنى دىگۈزەتتى ، مەن دىيەلمەيتتىم ،كۈندە يىغلايتتىم ،چەتكە قېقىلىشتىن ،بوزەك بولۇشتىن بەكمۇ بىزار بولۇپ ئۆلىۋېلىش قارارىغا كەلدىم . بىر كۈنى يىغلاپ ئۆيگە كىردىم ،ئانام ماڭا «بالام ،سەندەك بالىلار چوڭ بولغاندا چولپان بولىدۇ » دېدى . مۇشۇ گەپ مىنىڭ قەلبىمدە ئۈمىد ئۇرۇقىنى بىخلاتتى ،كۆڭلۈمدە مەيلى نىمە جاپا چەكمەي چولپان بولىمەن دىگەن غەيرەتكە كەلدىم، مېنى مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگەن ئۈمىدكە رەھمەت .......
ھېلىقى ئۇنى بوزەك قىلغان كىشىلەر نۇمۇستىن باشلىرىنى ئىگىشتى .