• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • سىنى قايتا سېغىندىم ئەمما

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    سىنى قايتا سېغىندىم ئەمما،
    بىرەلمەيمەن بۇنىڭغا تەبىر.
    ئۇھسىرايمەن چۇڭقۇر بەك چۇڭقۇر،
    دەردىم ئەمەس پەقەت سەنلا بىر.

    *

    سىنى قايتا سېغىندىم ئەمما،
    سېنوس ئەگرى سىزىقى بويلاپ.
    ئۈنسىز شەپە بىرىمەن يەنە،
    خىيالىمدىن ساڭا قوش-قوشلاپ.

    *


    سىنى قايتا سېغىندىم ئەمما،
    جىنىم سەن يوق ئۆندەرەپ قوپسام.
    بىرەلمەيدۇ قىلچىلىك ھوزۇر،
    ياستۇقۇمنى قۇچاقلاپ ياتسام.

    *

    سىنى قايتا سېغىندىم ئەمما،
    خىيالىمدا پەقەت خىيالدا.
    تېخى ھىس قىلپ بولمىدىڭ ئەركەم،
    پاش بولمىغاچ سۆيگۈم رىئالدا.

    *

    سىنى قايتا سېغىندىم ئەمما،
    قارچۇغۇمدا قېپقالدى ھىدىڭ.
    تۇتقۇن قىلسا سۆيگۈم كىشەنلەپ،
    سەن بولارسەن بىر كۈنى مىنىڭ.





    بەخىتلىك بول دىمىگن مىنى



    بەخىتلىك بول دىمىگىن مىنى ،
    مەن بەختىمگە سەن بىلەن يەتكەن .
    بەخىتلىك بول دىمىگىن مىنى .
    مىنىڭ بەختىم سەن بىلەن كەتكەن.

    *

    بەختلىك بول دىمىگىن مىنى ،
    سەن بەخىتلىك بولساڭلا بولدى.
    ئوتكەن كۇننى ئۇنتۇپ نىگارىم ،
    بەخىت تىلەپ ئۆتەي مەن ئەمدى .

    *

    بەخىتلىك بول دىمىگىن مىنى،
    خۇدا بەرسۇن سىنىڭ بەختىڭنى .
    پەقەت سەنلابەخىتلىك بولساڭ ،
    بەخىتلىك دەپ بىلىۋەر مىنى.

    *

    بەخىتلىك بول دىمىگىن مىنى
    بەخىت چىرماپ ئالسۇن بىرسىنى
    پەقەت سەندىن كۈتىدىغىنىم:
    ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرمىنى

    [MP=500,70http://mp3.alkuyi.com/nahxa_umidwar()/qat/san.mp3[/MP]


    ئادىرسىمىز

    ئەڭ يىڭى شىئىرلار
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرىئابدۇۋايىت ئابلىز1بىر نەرسە بار بەك كىچىك،خۇددى تىرناق ئۇچىدەك.ئىشچانلىقتا نامى بار،توپ-توپ ياشار غۇچچىدە.پۇراق بىلەن يول تاپار،خۇددى ئۇستا ئوۋچىدەك.2بەكمۇ ئۇششاق يېپىشقان،شامال،سۇدا يۆتك