مۇھەممەدجان مىرسال
بوي-بەستىڭگە ياراشقان فورماڭ،
تۇيۇلىدۇ بەكمۇ يېقىملىق.
سۆيۈنىمەن چەبدەسلىكىڭدىن،
قەدەملىرىڭ شۇنچە رىتىملىق.
جۇت-شىۋىرغان ياكى تومۇزدا،
ۋايسىمايسەن ئەزەلدىن ھەرگىز.
ھەۋەس بىلەن قاراپ قالىمەن،
پەخىرلىنىپ سېنىڭدىن چەكسىز.
چىنار كەبى مەغرۇر قامىتىڭ،
قەلبلەردە قوزغايدۇ ھۆرمەت.
مۈشكۈلاتقا تىز پۈكمەس روھىڭ،
بەخش ئېتەر بىزگە زور مەدەت.
سەن بولغاچقا پېتىنالمايدۇ،
رەزىل ياۋمۇ ئەلگە تېگىشكە.
جەڭچى دوستۇم ئاپىرىن ساڭا،
تەييار تۇردۇڭ ياۋنى يېڭىشكە.
سەن بولغاچقا غەمگە پاتمايدۇ،
ھەر چاغ، ھەر پەيت بۈيۈك تاغ خەلقىڭ.
ئاپەت كەلسە يېڭىسەن بوپ ئوق،
شۇڭا تىلدا مەڭگۈلۈك شانىڭ.
ئۈلگىمىز سەن چىدام-غەيرەتتە،
يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە.
تۆھپە بابى سەنچۈن ئېچىلغان،
زەپەر قۇچقىن تەرەپ-تەرەپتە.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ
قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ
