ئىززەتگۈل ساتتار (تولۇنئاي)
چەكسىز ئاسماندۇر قەلبىڭىز گويا،
مېھىر بەردىڭىز يۇلتۇز ۋە ئايغا.
ھەممە-ھەممىگە قىلىپ تەبەسسۇم،
سۆيگۈ بەردىڭىز گۈل-چىمەن ئارا.
قۇياشتەك ئىللىق قۇچاق ئاچتىڭىز،
ناتىۋان كۈلدى، تاغلار ياڭرىدى.
پەرىشتە سۈپەت چېھرىڭىزدىن ھەم،
باغۇ-بوستاندا قۇشلار سايرىدى.
مىسكىن دىللارغا سىڭدىڭىز نۇردەك،
يۈرەك ياشنىدى كۆكلەپ باھاردەك.
قولياغلىق كەبى سۈرتتىڭىز ياشنى،
جانغا ھەمنەپەس ئىللىق شامالدەك.
ئاپئاق بۇلۇتتەك قىلغان ئىشىڭىز،
چىن نىيەت ھامان جەننەت بىلسىڭىز.
كەتتى خەلقتىن ئوتلۇق سالاملار،
گۈل بولسۇن ھەر بىر ماڭغان يولىڭىز.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ
قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ
