ئابدۇلئەھەد ئىسمائىل ئوغلان
ئون بەش كۈنلۈك تولغانئاي،
جامالىڭدىن ئايلىناي،
يانىمغا بىر چۈشسەڭچۇ
كۆكتە يالغۇز ئوينىماي.
ھەي تولغانئاي، تولغانئاي،
يۈرىكىمگە قونغانئاي.
ئاسمان ئارا ئۈزىسەن،
كەڭ جاھاننى كېزىسەن،
مېنى مەپتۇن ئەيلىگەن
ھۆر پەرىنىڭ ئۆزى سەن.
راست گېپىڭنى ئېيتساڭچۇ
كىمنىڭ ئەركە قىزىسەن؟
تۈڭلۈكىمدىن مارايسەن،
كۈلۈپقىنا قارايسەن،
غايىبانە پىچىرلاپ
مەندىن سۆيگۈ سورايسەن.
ۋۇجۇدۇمنى بىر تاتلىق
ھېسسىياتقا ئورايسەن.
سەن پەلەكتە بىر دانە،
مەن بۇ يەردە يىگانە،
ئاشىق-مەشۇق بولامدۇ
ئىككىمىزدەك بىگانە.
تەنھالىق يامان ئىكەن،
قىلما مېنى سەرسانە.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ
قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ
