• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • سۆيەلەمسەن

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    دەيسەن دائىم ئاھ ئۇرۇپ سۆيىمەن سېنى،
    دەيسەن بارلىغىم جانانىم مېنى .
    بىلمىدىم راسىتمىدۇر ئېيىتقان سۆزلىرىڭ،
    دېگەنتىڭ شۇندا ھەم كۈتىمەن سېنى.

    ئۇنداقتا كۈتەلەمسەن مېنى ئۆلگۈچە ،
    سۆيگەنمۇ بىرىنى مېنى سۆيگۈچە .
    راستىنلا بەك سۆيسەڭ ئەي يىگىت مېنى ،
    بولالامسەن راسىت سادىق غېرىپ سۆيگۈگە.

    ئېغىر كۈندە بولالامسەن دائىم يېنىمدا ،
    ماڭا ئىشەنچ بېرەلەمسەن سەھەر قېشىمدا.
    مېنىڭ كۆز ياشلىرىمنى ئازابىڭ بىلىپ،
    سۈرتەلەمسەن كۆز يېشىمنى ئازاپلانغاندا .

    بولۇپ قالسا داۋالغۇش ھايات يولۇمدا،
    قالمىسا ھېچ نەرسە مېنىڭ قولۇمدا .
    ھېچنىمىگە قارىماي نىجاتكار بولۇپ ،
    تۇرغۇزامسەن ئورنۇمدىن خاراپ ھالىمدا.

    قەلبىڭ ، يۈرۈگۈڭ ، سېھرىڭ ئارقىلىق ،
    ئۇتالامسەن پاك كۆڭلۈمنى سېھىر ئارقىلىق.
    رەت قىلساممۇ تەلىۋىڭنى تالاي قېتىم مەن،
    ئېرىشەلەمسەن كۈتكىنىڭڭە سەۋىر ئارقىلىق.

    بىر ئۆمۈر سۆيەلەمسەن پەقەت بىر مېنى،
    ئەگەر كېيىن توي قىپ قالساق مەلۇم بىركۈنى.
    بەختىمىز ، ئائىلىمىز ، تۇرمۇشىمىزغا ،
    ۋاپا قىپ ئۆتەلەمسەن نەچچىلەپ يىلنى.

    بىر ئىككى بالىغا ئانا بولغاندا،
    سەنمۇ ھەم ئۇلارغا دادا بولغاندا.
    قايتامدۇ قايىتمامدۇ كۆڭلۈڭ ېنىڭدىن،
    نازۇكلۇغۇم لېۋەنلىگىم ھېچ قالمىغاندا.

    قالساممۇ گۈزەللىك نازۇكلۇغۇمدىن،
    بالام دەپ ئېرىم دەپ يۈرگەنلىگىمدىن.
    سۆيەلەمسەن ئىلگىركىدەك يەنىلا مېنى،
    ئەينى چاغدا مىڭ تەستە ھەم ئېرىشكىنىڭدىن.

    بەزىلەردەك قىلامسەن بىلمىدىم تېخى،
    سىرىتتىن تۇتۇپ ئوغۇرلۇقچە يەنە بىر ئۆينى.
    ئالامسەن خۇشچاخچاق ئوماق قىزلاردىن،
    ئۇنتۇپ مېنىڭمۇ ھەم قىزلىق دەۋرىمنى.

    ئولتۇرامسەن سىرىتلادا تۈزۈپ سورۇننى،
    خوشە دەپ لىق تولدۇرۇپ قەدەھ رومكىنى.
    مېنى ھەم بالاڭنى ئۇنتۇپ ھەمممىنى ،
    تارتامسەن تانسىغا باشقا خېنىمنى .

    ئۇيقۇسىز قويامسەن غەم يېتىپ مېنى ،
    سۇلدۇرامسەن ئېچىلغان قىزىل گۈلۈمنى.
    ياشلىقىمدا كوركەنمەن ئېسىت،ئېسىت دەپ،
    ئاھ ئۇرامسەن خىيالىڭدا ئويلاپ باشقىنى.

    يۈرەك پارەمگە قىيماي ئايرىلاي دېسەم،
    تۇتقان ئۆيۈمگە قىيماي خوشلىشاي دېسەم.
    ياشلىقىمنى ساڭا ئاتاپ ئۆتكۈزگۈنۈمگە،
    يوقال دەمسەن قىلاي مەن سەۋىرنى دېسەم.

    راستىنلا بولغان بولساڭ سەۋدا دەردىمدىن،
    بولالامسەن ھەم خالى مەن سۆزلىگەندىن.
    مەڭگۈگە ۋاپادار ياخشى ئەر بولۇپ ،
    كۈتەلەمسەن ئالتۇن تاغدەك ئۈمۈد مېنىڭدىن.

    قورۇق بېسىپ يۈزلىرىمنى يوللار ئالسىمۇ ،
    ئۇستىخىنىم قالسىمۇ چىراي كەتسىمۇ .
    سۆيەلەمسەن ھازىرقىدەك يەنىلا مېنى،
    قۇندۇزدەك قارا ساچىم ئاپئاقارسىمۇ .

    سۆيەلەمسەن ئون بەش ياشتا مېنى سۆيگەندەك،
    كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي مېنى كۈتكەندەك.
    كەتسەممۇ ھالىمدىن ئائىلەمنى دەپ،
    بېرەلەمسەن مېھرىڭنى ئەڭ ئاۋالقىدەك.


    ئادىرسىمىز

    ئەڭ يىڭى شىئىرلار
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
    • بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرىئابدۇۋايىت ئابلىز1بىر نەرسە بار بەك كىچىك،خۇددى تىرناق ئۇچىدەك.ئىشچانلىقتا نامى بار،توپ-توپ ياشار غۇچچىدە.پۇراق بىلەن يول تاپار،خۇددى ئۇستا ئوۋچىدەك.2بەكمۇ ئۇششاق يېپىشقان،شامال،سۇدا يۆتك